2024-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتى شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى سارىيىدا باشلاندى

日期:2024年05月11日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى


5-ئاينىڭ 10-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ۋەكىللەر 2024-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتى نەق مەيدانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى (مۇخبىرسەي زېڭلېفوتوسى ۋە خەۋىرى) 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، 2024-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتى شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى سارىيىدا باشلاندى، بۇ يىلقى باش تېما «جۇڭگو داڭلىق ماركىسى، دۇنيا ئورتاق بەھرىلىنىش؛ دۆلەت ماللىرى مودا ماركىسى، ماركا بىلەنكەلگۈسىنى يارىتىش». پائالىيەتتە ماس قەدەمدە توردا ۋە تور سىرتىدا كۆرگەزمە قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلىندى، تور سىرتىدىكى كۆرگەزمە 5-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. شىنجاڭدىن ئۆز ئالدىغا داڭلىق ماركىسى بار جەمئىي 23 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى.


5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئارتىسلار 2024-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتى شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.


5-ئاينىڭ 10-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ۋەكىللەر 2024-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتى شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

2017-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، گوۋۇيۈەن «‹جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى› تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى يوليورۇق سوراش دوكلاتى»نى رەسمىي تەستىقلاپ، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىنى «جۇڭگو داڭلىق ماركاكۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، جايلار، تارماقلارنى جۇڭگو داڭلىق ماركىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، بەرپا قىلىش، ئۆستۈرۈش، كېڭەيتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقا ماكرولۇق يېتەكلىدى.


5-ئاينىڭ 10-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ۋەكىللەر 2024-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتى شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىدا خوتەن قاشتېشى بۇيۇملىرىنى تاللىماقتا.


5-ئاينىڭ 10-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ۋەكىللەر 2024-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتى بىڭتۇەن كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.


5-ئاينىڭ 10-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ۋەكىل 2024-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتىنىڭ يەرلىك داڭلىق ماركا يېتىشتۈرۈش كۆرگەزمە سۇپىسى ئالدىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.


5-ئاينىڭ 10-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ۋەكىل 2024-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتى نەق مەيدانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.