يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تارماق بىرلىكتە «ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئارقىلىق كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئارقىلىق كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە باسقۇچلۇق، بىرىكمە شەكىلدىكى بىر يۈرۈش سىياسەت-تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق، دەل جايىدا، پۇختا كاپالەتلەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.
يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ماھارەتنى ئۆستۈرۈش
كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر خۇش خەۋەرنى
بىرلىكتەتەپسىلىي چۈشىنەيلى
ھەق نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتى
داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ
ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى %1كە
باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتى
بىر يىل داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ
ئىجرا قىلىش مۇددىتى
2025-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ
_____________________________________________
ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش سىياسىتى
داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ
سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى 12 ئايدىن ئارتۇق تولۇق تاپشۇرغان، ئالدىنقى يىلى خادىم قىسقارتمىغان ياكى خادىم قىسقارتىش نىسبىتى ئالدىنقى يىللىق مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تىزگىنلەش نىشانىدىن يۇقىرى بولمىغان، 30 ئادەم (30 ئادەمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن خادىمى بار سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلارنىڭ خادىم قىسقارتىش نىسبىتى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %20ىدىن يۇقىرى بولمىغان بولسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
چوڭ تىپتىكى كارخانىلارغا
كارخانا ھەم ئۇنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى
ئالدىنقى يىلى ئەمەلىي تاپشۇرغان
ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنىڭ %30ىدىن ئېشىپ كەتمىگەن قىسمى بويىچە قايتۇرۇلىدۇ
ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا
60%ىدىن ئېشىپ كەتمىگەن قىسمى بويىچە قايتۇرۇلىدۇ
ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇلغان مەبلەغنى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش، ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەش، ماھارەت ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەننەرخى، چىقىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، فوند جەمئىيەتلەر، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى، ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى، بوغالتىرلىق ئورۇنلىرى، ئورۇن شەكلىدە سۇغۇرتىغا قاتناشقان يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە قارىتا پايدىلىنىپ يولغا قويۇلىدۇ
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ جۇغلانما قالدۇق چىقىم ئېھتىيات مۇددىتى بىر يىلدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
سىياسەتنى ئىجرا قىلىش مۇددىتى
2024-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە
________________________________
ماھارەت ئۆستۈرۈش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى
داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ
ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان كارخانىلاردىكى ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ياكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىۋاتقان خادىملاردىن تېخنىك خادىمىلىق كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ياكى كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى ئالغانلار دەسلەپكى دەرىجە (5-دەرىجە)گە 1000 يۈەندىن، ئوتتۇرا دەرىجە (4-دەرىجە)گە 1500 يۈەندىن، ئالىي دەرىجە (3-دەرىجە)گە 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئۆلچىمى بويىچە ماھارەت ئۆستۈرۈش ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ھەربىر ئادەمنىڭ ھەر يىلى ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇش قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئوخشاش بىر كەسىپ (ئىش تۈرى)تىكى ئوخشاش بىر دەرىجىگە پەقەت بىر قېتىملا ئىلتىماس قىلغىلى ۋە بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ ھەمدە ماھارەت ئۆستۈرۈش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن تەكرار بەھرىمەن بولۇشقا بولمايدۇ؛
ئوخشاش بىر كەسىپ (ئىش تۈرى)تىكى ئالىي دەرىجىلىك گۇۋاھنامە بويىچە ماھارەت ئۆستۈرۈش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولغانلار تۆۋەن دەرىجىلىك گۇۋاھنامە بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماھارەت ئۆستۈرۈش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى يولغا قويغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ جۇغلانما قالدۇق چىقىم ئېھتىيات مۇددىتى بىر يىلدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
سىياسەتنى ئىجرا قىلىش مۇددىتى
2024-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە
_______________________________
ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا
پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
ھەرقايسى جايلار سىجىل تۈردە
ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى (تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش، باھا ۋاقىتلىق ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق
تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەمىناتلىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك
__________________________________________________
بېجىرىش مۇلازىمىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش كېرەك
ھەرقايسى جايلار ئىلتىماس قىلمايلا بەھرىمەن بولىدىغان بېجىرىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئارقا سۇپا سانلىق مەلۇماتلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارغا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇلىدىغان مەبلەغنى دەل جايىدا تارقىتىشى ھەمدە قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كارخانىلارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛ ھۆكۈمەت ھېساباتى بولمىغان كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قارىتا، مەبلەغنى بىۋاسىتە شۇ جايدىكى باج تارماقلىرى ھەمكارلىشىپ تەمىنلىگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ھېساباتىغا قايتۇرۇشقا بولىدۇ؛ ئەمگەك-مۇلازىمەت ئەۋەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە مەبلەغنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ ۋە ئىشلىتىپ، ئۈزۈلۈپ قېلىش، توختاپ قېلىش، تۇرۇپ قېلىش مەسىلىسىنىڭ يۈزبېرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
ئىشسىزلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، قاترىمايلا ئېلىش، كىنىشكىسىز بېجىرىشتىن ئىبارەت بېجىرىش ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئىسپات ماتېرىيالى، ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ۋاقىت چېكى، باغلاش شەرتى ۋە قوشۇمچە مەجبۇرىيەتنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىپ، ئىشسىزلارنىڭ كىملىكى ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بىلەنلا ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ تەمىناتنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ۋە يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەتمەملىكەت خاراكتېرلىك ئىككى سۇپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەكشۈرۈپ بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشسىزلارنىڭ ھەرۋاقىت، ھەرجايدا ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.