ئايدىڭلاشتۇرۇلدى! ئەڭ يۇقىرى ياردەم تولۇقلىمىسى 10 مىڭ يۈەن!

日期:2024年04月30日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا

سودا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماقبىرلىكتە بېسىپ تارقاتقان

«ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»دە

ئاپتوموبىلنىڭ

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مەبلەغ ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

ياردەم تولۇقلىمىسى دائىرىسى ۋە ئۆلچىمى

«تەپسىلىي قائىدە» بېسىپ تارقىتىلغان كۈندىن 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، دۆلەتنىڭ ئۈچىنچى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى يېقىلغۇ مايلىق يولۇچىلارئاپتوموبىلى ياكى 2018- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملاتقان يېڭى ئېنېرگىيەلىكيولۇچىلارئاپتوموبىلىنى بىراك قىلىدىغان ھەمدە ئېنېرگىيە تېجەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىيولۇچىلارئاپتوموبىلى سېتىۋالغان شەخسىي ئىستېمالچىلار بىر قېتىملىق نورمىلىق تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

■يۇقىرىقى ئىككى خىل كونا يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى بىراك قىلىدىغان ھەمدە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سېتىۋالغانلارغا 10 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

■دۆلەتنىڭ ئۈچىنچى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىكى يېقىلغۇ مايلىق يولۇچىلارئاپتوموبىلىنى بىراك قىلىدىغان ھەمدە بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى 2 لېتىردىن تۆۋەن يېقىلغۇ مايلىق يولۇچىلارئاپتوموبىلى سېتىۋالغانلارغا 7000 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

بۇ تەپسىلىي قائىدىدە ئېيتىلغان يولۇچىلار ئاپتوموبىلى گۇڭئەن قاتناش تارماقلىرىغا رويخەتكە ئېلىپ تىزىملىتىلغان كىچىك، مىكرو تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەتنىڭ ئۈچىنچى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىكى يېقىلغۇ مايلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى 2011- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىلغان يېقىلغۇ مايلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىلغاندىزېل مايلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ۋە باشقا يېقىلغۇ تىپىدىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى كۆرسىتىدۇ.

ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى

ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلماقچى بولغان شەخسىي ئىستېمالچىلار 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك ئاپتوموبىل ئوبوروت ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى تور بېكىتى ياكى «ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» كىچىك پىروگىراممىسى ئارقىلىق، ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى تولدۇرسا بولىدۇ.ماتېرىياللار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ−

شەخسىي سالاھىيەت ئۇچۇرى؛

بىراك قىلىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ قاتناش ۋاسىتىسىنى پەرقلەندۈرۈش ۋاكالەت نومۇرى، «بىراك قىلىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يىغىۋېلىش ئىسپاتى» ۋە «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئىسپاتى»نىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ سۈرىتى ياكى سىكانېرلانغان ھۆججىتى؛

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ قاتناش ۋاسىتىسىنى پەرقلەندۈرۈش ۋاكالەت نومۇرى، «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىش بىرتۇتاش تالونى» ۋە «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى»نىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ سۈرىتى ياكىسىكانېرلاشھۆججىتى قاتارلىقلار.

ئالاقىدار ماتېرىياللار «تەپسىلىي قائىدە» بېسىپ تارقىتىلغان كۈندىن 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، «بىراك قىلىنغانماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىيىغىۋېلىش ئىسپاتى»نى بىراك قىلىنغانماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىيىغىۋېلىش، چۇۋۇش سالاھىيىتى بار كارخانىلار چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.

نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپى

ھەرقايسى جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە كونا ئاپتوموبىللارنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش مەبلەغ ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ھەرقايسى جايلارنىڭ بىراك ئاپتوموبىللارنى بەلگىلەنگەن كارخانىغا سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىغا، رايون خاراكتېرلىك، تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى نىشانلىق ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش مۇندەرىجىسى ياكى كارخانا تىزىملىكىنى ئايرىم بېكىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

ھەرقايسى جايلار كونائاپتوموبىللارنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە تېلېفون ئارقىلىق مەسلىھەت سوراش قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياج-تەلىپىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.ناتوغرا ۋاسىتىلەر (ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يالغاندىن ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، ساختا سودا قىلىش، باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ساختا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن پايدىلىنىپ ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بايقالسا، ھەرقايسى جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

شىنجاڭ گېزىتى ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن تەرجىمە قىلىندى