بۇ يىل 1 - پەسىلدە جۇڭگونىڭ GDPسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشتى

日期:2024年04月18日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارۋېي يۈكۇن، خەن جيانو) دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، 1 - پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 29 تىرىليون 629 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشقان، ئالدىنقى يىلىدىكى 4 - پەسىلدىكىدىن سېلىشتۇرما نىسبىتى %1.6 ئاشقان.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشى بولغان، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىرقەدەر تېز ئاشقان، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى بىرقەدەر ياخشى بولغان. 1 - پەسىلدە، يېزا ئىگىلىك(تېرىقچىلىق)نىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.8 ئاشقان، مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئاشقان، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.0 ئاشقان.

بازاردا سېتىش مۇقىم ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆرلىدى. 1 - پەسىلدە، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 12 تىرىليون 32 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشتى. مەملىكەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ پۈتۈن يىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 1.5 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى؛ ئۆي - زېمىن تەرەققىياتىغا سېلىنغان مەبلەغنى چىقىرىۋەتكەندە، مەملىكەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ %9.3 ئاشتى.

مال ئىمپورت - ئېكسپورتى مۇقىم ئاشتى، سودا قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى. 1 - پەسىلدە، مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 10 تىرىليون 169 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.0 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت 5 تىرىليون 737 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، %4.9 ئاشتى؛ ئىمپورت 4 تىرىليون 431 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، %5.0 ئاشتى. ئىمپورت - ئېكسپورت ئۆزئارا يېيىشىپ تۈگىگەندىن كېيىن، سودا ئاكتىپ بالانىسى 1 تىرىليون 306 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولدى.

ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. 1 - پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى(CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن تەڭلەشتى؛ مەملىكەت بويىچە شەھەر - بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى %5.2 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 0.3 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى.

ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى، يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىشى شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن تېز بولدى. 1 - پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 11 مىڭ 539 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %6.2 ئاشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە %6.2 ئاشتى. دائىم تۇرۇشلۇق جاي بويىچە ئايرىغاندا، شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %5.3 ئاشتى، ئەمەلىيەتتە %5.3 ئاشتى؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %7.6 ئاشتى، ئەمەلىيەتتە %7.7 ئاشتى.

«ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 1 - پەسىلدە خەلق ئىگىلىكىدە ياخشى باشلىنىش بولدى، ئاكتىپ ئامىللار جۇغلىنىپ كۆپىيىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر قەدەر ياخشى ئاساس سېلىندى. بىراق شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، تاشقى مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى، ئېنىقسىزلىقى ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىش ئاساسى تېخى پۇختا ئەمەس.» دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شېڭ لەييۈن شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى باسقۇچتا، ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك.