مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ

日期:2024年04月15日
来源:天山网
【字体:


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەشتۈرۈش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش كاپالىتىنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، ساپاسى ياخشى، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە يارىتىدىغان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئامما رازى بولىدىغان بىر مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، مەھەللە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى پۇختا ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بەش يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ تۆۋەندىكى ئاساسىي نىشانلارنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك: مەھەللە خىزمەتچىلىرى كەسىپ سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش كاپالىتى مېخانىزمىنى بارغانسېرى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش كەيپىياتىنى كۈنسېرى قويۇقلاشتۇرۇش؛ مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ سىياسىي ساپاسى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى، خىزمەت ئىستىلىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قوشۇن قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كىرىم تەمىناتىنى مۇۋاپىق كاپالەتلەندۈرۈپ، كەسىپنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەلقنى كۆزلەپ، خەلقنى سۆيىدىغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش.

«پىكىر»دە يەنە كەسىپ سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش كاپالىتىنى كۈچەيتىش، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.