مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: ئىلغار مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىن مەمۇرلۇققا، كەسپىي ئورۇن خادىملىقىغا قوبۇل قىلىش (تەكلىپ قىلىش) سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ

日期:2024年04月15日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى4- ئاينىڭ 10- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: رىغبەتلەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىن پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئىلغار مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىن مەمۇرلۇققا، كەسپىي ئورۇن خادىملىقىغا قوبۇل قىلىش (تەكلىپ قىلىش) سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. ھەر يىلى بەلگىلىك ساندىكى ئىش ئورنى ئاجرىتىلىپ، مەھەللىدە ئۇدا خىزمەت قىلغىنىغا 10 يىلدىن ئاشقان، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسى بولغىنىغا بىر نۆۋەت توشقان، ئىپادىسى ياخشى بولغان مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىدىن ياخشىلىرى تاللىنىپ كەسپىي ئورۇنلارغا ئاشكارا تەكلىپ قىلىش بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىملىقىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ئىلغارلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەلالىرىنى تاللاپ يۆتكەش، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى قاتارلىقلار ئارقىلىق كوچا باشقارمىسى (يېزا- بازار) رەھبەرلىك بەنزىسىگە تاللاپ كىرگۈزۈلىدۇ. بەلگىلىمە بويىچە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلغار مەھەللە خىزمەتچىلىرى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى نامزاتلىقىغا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى نامزاتلىقىغا، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىدۇ. گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ، ئىلغار كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، ئىلغار پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ياشلار 4- ماي مېدالى، 8- مارت قىزىل بايراقدارى قاتارلىقلارنى باھالاشقا قاتناشتۇرۇلىدۇ. ئىلغار مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ ۋە شۇنداق قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.