شىنخۇا پۈتۈن تاراتقۇ + | 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆرگەزمىسى فۇجوۋدا ئۆتكۈزۈلدى

日期:2024年03月19日
来源:新疆日报网
【字体:

3-ئاينىڭ 18-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆرگەزمىسى نەق مەيدانى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لىن شەنچۇەن فوتوسى

تىيانشان تورى خەۋىرى شۇكۈنى، 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆرگەزمىسى فۇجوۋدا ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى 30 نەچچە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 80 نەچچە ئېكسپورت تىپىدىكى كەسىپ بەلبېغى ۋە 110 نەچچە شەھەردىكى 1500دىن ئارتۇق سودىگەرنى جەلپ قىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى مال بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر كۆرگەزمە رايونى، سۇپا كۆرگەزمە رايونى، مۇلازىمەت سودىگەرلىرى كۆرگەزمە رايونى، كەسىپ بەلبېغى ۋە ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى كۆرگەزمە رايونى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر مەخسۇس رايونى، كۆرگەزمە-يەرمەنكە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى ۋە يۈرۈشلۈك پائالىيەت مەخسۇس رايونى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 26 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن كەسپىي سودىگەرلەر ھەمدە ھىندونېزىيە، ۋېيتنام، ئىسپانىيە، ئاۋسترالىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق نەچچە ئون دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن مال سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر فۇجوۋغا جەم بولدى.

3-ئاينىڭ 18-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆرگەزمىسى نەق مەيدانى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لىن شەنچۇەن فوتوسى

3-ئاينىڭ 18-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆرگەزمىسى نەق مەيدانى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لىن شەنچۇەن فوتوسى

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، سودىگەرلەر 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لىن شەنچۇەن فوتوسى

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر TikTok Shop ئېكولوگىيە مەخسۇس رايونى كۆرگەزمە ئورنى ئالدىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لىن شەنچۇەن فوتوسى

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر چەت ئەلدىكى داڭلىق شەخسلەر بىۋاسىتە كۆرسىتىش مەخسۇس رايونىدا ھىندونېزىيەلىك توردا ئالقىشلانغانشەخسنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىشنى كۆرمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لىن شەنچۇەن فوتوسى

3-ئاينىڭ 18-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان جۇڭگو چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا «ئىختىساسلىقلار + پۇل مۇئامىلە» يېڭى پۇرسەت ۋە رىقابەت مۇنبىرى نەق مەيدانى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لىن شەنچۇەن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى