14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى

日期:2024年03月12日
来源:天山网
【字体:

(2024 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق ۋەزىپىلەرگە قوشۇلدى، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرگۈزۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تولۇق ئادا قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)