ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلگەن «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟

日期:2024年03月12日
来源:新疆日报网
【字体:

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا بېرىلگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى بىر يېڭى ئاچقۇچلۇق سۆز − «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتى قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +»نىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلۈشى. دۆلەتنىڭ بۇ ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇشى قانداق سىگناللارنى قويۇپ بېرىدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق چۈشەندۈردى.


«سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلدى

بىز ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى كونكرېت بايانلارنى كۆرۈپ باقايلى. «پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش» تىلغا ئېلىنغاندا، «ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا نەتىجىلەرنىڭ مول نەتىجە بولغانلىقى» مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، بولۇپمۇ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت تېخنىكىسى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلگەنلىكى» تىلغا ئېلىندى. «زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش» تىلغا ئېلىنغاندا، دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە رەقەملىك كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

جۇڭگو ئۇچۇر- ئالاقە ئاكادېمىيەسى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقات مەركىزىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېي كەي مۇنداق دېدى: بىز بۇ باسقۇچقا يېتىپ كەلدۇق، بىز ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ھەرقايسى كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق، كېيىنكى باسقۇچتا ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرىمىز، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھازىرقى باسقۇچتا دەل جايىدا بولدى، بۇ پۇرسەت ئىنتايىن ياخشى.

بۇلتۇر ھاسىللىما سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بازىرىنىڭ كۆلىمى 14 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يەتتى

دۆلىتىمىزدە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەرگە پۈتۈنلەي يېڭى ئېنېرگىيە بېغىشلاپ، كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت بەردى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى سەيدى تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023- يىلى، دۆلىتىمىزدە ھاسىللىما سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى كارخانىلارنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتى %15كە يېتىپ، بازار كۆلىمى تەخمىنەن 14 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2035- يىلى ھاسىللىما سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار پۈتۈن دۇنياغا 90 تىرىليون يۈەنگە يېقىن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ بېرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ 30 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئۈمىد باركەن.

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى