ئىككى يىغىن سۈرەتلىرى | شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ دوكلاتى قاتارلىقلارنى قاراپ چىقتى

日期:2024年03月10日
来源:新疆日报网
【字体:

تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۈي جىجيەن فوتوسى ۋە خەۋىرى) 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىن زالىغا بېرىش يولىدا، سۆزلەيدىغان مەزمۇن ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ۋەكىل ليۇ خۇڭتاۋ (ئوتتۇرىدا) ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ تەكلىپ بەردى.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ۋەكىل زويا باقىت (سولدىن 1 - كىشى) سودىيە، تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ سانىنىئاساسىي قاتلامغا ۋە دېلو سانى كۆپ جايلارغا مۇۋاپىق تەڭشەش - كونترول قىلىشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشقاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ تەكلىپ بەردى.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ۋەكىل جېڭ يۈفېڭ (ئوتتۇرىدا) يېڭى دەۋردىكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ۋەكىل جاڭ شىن (ئوتتۇرىدا) قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى داۋاملىق بەرپا قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ تەكلىپ بەردى.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ۋەكىل گو خۇڭچۈەن (ئوتتۇرىدا) دېلو بېجىرىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىنى قوغداش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ تەكلىپ بەردى.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، يىغىن ئارىلىقىدا، ۋەكىل مىن شياۋچىڭ (ئالدىنقى رەت سولدا) بىلەن ۋەكىل جاڭ شىن تەكلىپ مەزمۇنى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.