گۇرۇپپا سۈرەت | مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئايال ئەزالىرىنىڭ «ئىككى يىغىن ۋاقتى»

日期:2024年03月09日
来源:新疆日报网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىن، گو لىڭ فوتوسى، خەۋىرى) 2024-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن باشلاندى، بۇ بىرنەچچە كۈندە، ئايال ئەزالار يىغىن مەيدانىدا پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپلا قالماي، يەنە تۇرمۇشنىڭ ھەممە يېرىدە ئۈن-تىنسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، خۇددى قەيسەر ئەتىرگۈلدەك پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئاياللارغا خاس نەزەر بىلەن جەمئىيەتنى كۆزىتىپ، خەلق ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەڭ كۈچلۈك «ئۇ» ئاۋازىنى چىقاردى. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئايال ئەزالىرى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆزىگە تەۋە بايرىمىنى ئۆتكۈزدى.

ئايال ئەزالار خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى جاڭ خۇي ياتاقتا تەكلىپلەرنى رەتلىمەكتە.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى مۇختەبەر ئابدۇل (سولدىن 1-كىشى)، دىلنار ئابلا (سولدىن 2-كىشى)، گۇەن فاڭفاڭ (ئوڭدىن 2-كىشى)، مۇيەسسەر توختى (ئوڭدىن 1-كىشى) بېيجىڭغا كېتىۋاتقان ئايروپىلاندا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى مۇختەبەر ئابدۇل (سولدىن 1-كىشى) بىلەن گۇەن فاڭفاڭ (ئوڭدىن 1-كىشى) ياتاقتا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى مۇختەبەر ئابدۇل يىغىن خاتىرىسى يازماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى