سىچۇەنلىك قىز شىنجاڭ نېنىنى «قالتىس ئىسلاھ قىلدى»! تورداش: پىسا نېنىڭىزنى ئېلىپ تېزدىن ئىتالىيەگە كېلىڭ

日期:2024年02月09日
来源:新疆日报网
【字体:

يېقىندا

سىچۇەن ميەنياڭ شەھىرىدىكى بىر قىز

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا

ئۆزىنىڭ شىنجاڭ نېنىنى «قالتىس ئىسلاھ قىلغان» سىن كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلىپ

تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى


سىن كۆرۈنۈشىدە

ئۇ شىنجاڭنىڭ كۈنجۈت نېنىنى قاتلىما قىلىپ

شوخلا قىيامى، لازا، خوتۇيچاڭ قاتارلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بىلەن

بىر پىسا ياساپ

ئېكران ئالدىدىكى تورداشلارنى ھەيران قالدۇردى

نۇرغۇن شىنجاڭلىق تورداشلار مۇنداق دېدى:

رىۋايەتلەردىكى بۇ پىسا ناننىڭ

تەمى ناھايىتى ياخشى ئىكەن

ھەتتا

IP ئادرېسىئىتالىيە دەپ كۆرۈنگەن بىر توردىشىمىز

پىسا نېنىڭىزنى ئېلىپ ئىتالىيەگە كېلىڭ، دەپ سۆز قالدۇردى

نان

شىنجاڭدىكى تارىخى ئۇزۇن بولغان خاس يېمەكلىك

ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق بولغان شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ نام كارتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن

ئىزچىل ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن

تۈرى كۆپ، تەمى سەرخىل

مەنبە: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىكيۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

نانقاقلاپ پىشۇرۇش ئارقىلىق ھازىر بولىدىغان مەززىلىك تەم

ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، بىر قەدەر سىڭىشلىك، ئاسان ھەزىم بولىدۇ

بۇغداي ئۇنى، قوناق ئۇنى، ئاق قوناق ئۇنى

كۈنجۈت، تۇخۇم، ئۆسۈملۈك يېغى، سۈت، پىياز قاتارلىقلار خام ماتېرىيال قىلىنىدۇ

خېمىر يۇغۇرۇش، نان راسلاش، قاقلاپ پىشۇرۇشتىن ئىبارەت

ئۈچ ئىش تەرتىپى ئارقىلىقتەييار بولىدۇ

مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا

ناننىڭ تۈرى يۈز خىلدىن ئاشىدىكەن

چوڭ-كىچىك، نېپىز-قېلىن دەپ ئايرىلىدىكەن

چوڭى كۇچا چوڭ نېنى، كىچىكى مېغىز نان

نېپىزلىرى كەلپىن نېپىز نېنى، قېلىنلىرى گىردە نان دەپ ئايرىلىدىكەن

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان

شىنجاڭ نانلىرىنىڭ تۈرى بارغانسېرى كۆپەيدى

نان ئىچىگەلازا، قىزىلگۈل قىيامى قاتارلىق قوشۇلۇپ

تەمىمۇبارغانسېرى سەرخىللىشىپ

كىشىلەرنىڭ يېيىش ئۇسۇلىنىڭدەرىجىسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى

ئەڭ ئىپتىدائىي مەززىلىك تەمنى تېتىماقچى بولسىڭىز

ئەمدىلا تونۇردىن چىققان ئىسسىق نانغا

سىنچاي، ئەتكەن چاي ياكى تاۋۇز قوشۇپ يەڭ

تېخىمۇ مول تەمنى ھېس قىلماقچى بولسىڭىز

كاۋاپ نان، گۆش نان

نان بىلەن قورۇلغان ساۋمىفېن، پىسا نان، يۆبىڭ نانلارغا ئېغىز تېگىپ بېقىڭ

سىغدۇرۇشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك نان

نۇرغۇن يېمەك-ئىچمەككە نومۇر قوشىدىغان تۈر

دەرھال تەييارلاش ئۇسۇلىنى ئىزدەپ ئۆگىنىپ

بۇ يىلقى باھار بايرىمىلىق مول داستىخىنىڭىزغا قالتىس بىر يېڭىچە تەم قوشۇڭ

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيىشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى