تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ) 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۆزگەرتىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى سەنياشىنجاڭ سارىيى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىدى.
سەنيا شىنجاڭ سارىيىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاش نەق مەيدانى.
شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەتمەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن
بۇ ساراي 2023-يىلى شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مېھمانساراي بۆلىكى جەھەتتىكى «مۇھىم نۇقتىسى»نىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە 45 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى سېلىنىپ، بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى نۇقتىلىق ھالدا مۇۋاپىق پىلانلىنىپ، ئۇل ئەسلىھە شارائىتى ياخشىلىنىپ، بازارلاشقان تىجارەت ئېھتىياجى يەنىمۇ قاندۇرۇلىدۇ. ھازىر، بۇ ساراينىڭقاتتىق دېتال ئەسلىھە سەۋىيەسى، مۇلازىمەتنىڭ كەسىپلىشىش دەرىجىسى، بىر پۈتۈن بېزىلىش لايىھەلىنىش ئۇسلۇبى بىرقەدەر زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بولۇپمۇ، يەرلىك خاسلىققا ئىگە يېمەك-ئىچمەكلەر بۇ يەرگە قونغىلى كىرگەنمېھمانلار ۋە كەسپىي زاتلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، سەنيادا ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل ئاشتى، سەنيا شىنجاڭ سارىيى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىغان كۈنىلا «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاپ»، مېھمانساراينىڭ ياتاقتا قونۇشنىسبىتى %100كە يەتتى.
سەنيا شىنجاڭ سارىيى.
شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەتمەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن
«بۇنىڭدىن كېيىن، بىز مۈلۈك تىجارىتىنى جانلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى پىلانلاپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇش، ئېشىش مىقدارىنى يېتىلدۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش خىزمەت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز.» شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى سۈيرۇڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت مۈلكىنى ئاجرىتىپ يۆتكەش يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سەنيا شىنجاڭ سارىيىنىڭ مېھمانساراي كەسىپ تەقسىماتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ رايون ھالقىپ ھەمتۈرتكە بولۇشتەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، سەنيا شىنجاڭ سارىيىنى بۇ گۇرۇھنىڭ خەينەندە گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ ساتىدىغان مۇھىم سۇپا، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئالاقىسىنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم بازا، ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىمىز.
سەنيا شىنجاڭ سارىيىنىڭ چوڭ زالى.
شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەتمەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن