باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا
نۇرغۇن ئىستېمالچى
مۇساپىلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ، باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىشنى باشلاپ
باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلاندى
جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ
باھار بايرىمى مەزگىلىدە يېشىل ئىستېمال ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ
بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ
ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى ئەسكەرتتى
2-ئاينىڭ 4-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شىخۇ بېييۇەنچۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋالماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى
1. ئىقتىسادچىل-تېجەشلىك بولۇش، يېشىل ئىستېمال قىلىش
باھار بايرىمى مەزگىلىدە، تۈرلۈك تاۋار ۋە مۇلازىمەتلەر توردا ۋە تور سىرتىدا باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، باھاسىنى چۈشۈرۈش، توشقاندا كېمەيتىش، سوۋغا تەقدىم قىلىش قاتارلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئىستېمالنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېمەك-ئىچمەك كەسپى ھارپا كېچىسى تامىقى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر يىغىلىشى، سودا زىياپىتى، توي زىياپىتى، ساياھەت، سەپەرگە چىقىش قاتارلىق ئىستېمال مەنزىرىلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
ئىستېمالچىلار ئىستېمال دولقۇنىدىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئەقلىنى ئىشلىتىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاپ، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشى، «يۈز-ئابرويغا ئەھمىيەت بېرىش، سۆلەتۋازلىق قىلىش، ھەشەمەتچىلىك قىلىش» سەۋەبىدىن ئۆزىنى باسالماي ئىستېمال قىلىپ، ئىسراپچىلىق پەيدا قىلماسلىقى كېرەك.
بىرىنچى، تاۋارنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال «يۈزئابرۇي قۇرۇلۇشى»نى چۆرۈپ تاشلاپ، زىيادە ئورالغان تاۋارلارغا ئورتاق قارشى تۇرۇش كېرەك؛
ئىككىنچى، يېشىل، ئاددىي بولۇشنى قەدىرلەپ، نورمىدىن ئارتۇق ئىستېمالنى رەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى»نى تۇرمۇشتىكى بىر خىل ئادەت، مەسئۇلىيەت ۋە تەربىيە دەپ بىلىپ، «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق» شەرەپ، «ئاشۇرۇپ قويۇش»نى نومۇس دەپ قاراپ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى بايرامدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىقتىسادچىل-تېجەشلىك بولۇشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.
2. مۇۋاپىق پىلانلاش، بىخەتەر ئىستېمال قىلىش
باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە سەپەرگە چىقىدىغانلارنىڭ سانى كۆپ، ئادەم توپلىنىش-تارقىلىش خاراكتېرى ۋە يۆتكىلىشچانلىقى كۈچلۈك، قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋە قاتناش ھادىسىلىرى ئاسان، كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئىستېمالچىلار سىرتقا چىقىپ ئىستېمال قىلغاندا چوقۇم بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىققاندا، ئالاقىدار تارماقلار ئېلان قىلغان قاتناش يول ئەھۋالى ئۇچۇرى ۋە قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسكەرتمىسىنى ئالدىن ئىگىلەپ، سەپەرگە چىقىش ۋاقتى ۋە لىنىيەسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن ساياھەتكە چىققاندا، ئىمكانقەدەر قانۇنلۇق سالاھىيىتى بار، ئىناۋىتى بىر قەدەر ياخشى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى تاللاش ھەم سەپەر ئورۇنلاشتۇرۇشى، مېھمانساراي ئۆلچىمى، مال سېتىۋېلىش قېتىم سانى، ھەق ئېلىش تۈرى، توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى قاتارلىق ئىشلارنى توختامدا ئېنىق پۈتۈشۈش كېرەك.
سىرتتا غىزالانغاندا، تىجارىتى مۇقىم، مۇھىتى پاكىز، نامى ياخشى سودا ئورۇنلىرىنى تاللاپ ئىستېمال قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆتكىلىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
قار تېيىلىش مەيدانى، كۆڭۈل ئېچىش مەيدانلىرىنى تاللىغاندا، تىجارىتى مۇنتىزىم، تەرتىپلىك، ئەسلىھەلىرى تولۇق، مۇكەممەل سورۇنلارنى تاللاپ ئويناش، مەيدان ئىچىدىكى بىخەتەرلىك بەلگىسى ۋە كۆرسەتمە تاختىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇش، تۈرلۈك تەلەپلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىش، مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈش، ئەتراپىدىكى بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىش كېرەك.
3. توزاقنى پەرقلەندۈرۈش، ئىلمىي ئىستېمال قىلىش
باھار بايرىمىلىق ئىستېمال دولقۇنىدا، كۆپ ساندىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بايلىق توپلاپ پايدا ئالىدۇ، كۆز بويامچىلىق قىلىدۇ، ئىستېمالچىلار ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
بىرىنچى، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يان تېلېفون نومۇرى، ئائىلە ياكى ئىدارە ئادرېسى، مال-مۈلۈك ئەھۋالى قاتارلىق سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماسلىق، ئىككىلىك كودنى خالىغانچە سىكاننېرلىماسلىق، ئېنىق بولمىغان ئۇلىنىشلارنى چەكمەسلىك، دەلىللەش كودىنى ئاشكارىلىماسلىق زۆرۈر.
ئىككىنچى، ئالدىن تۆلەش شەكلىدىكى ئىستېمالدا، بىر قېتىمدىلا كۆپ پۇل قاچىلىماسلىق، سالاھىيىتى تولۇق، ئىناۋىتى بىر قەدەر ياخشى تىجارەتچىنى تاللاش ھەمدە توختام ماددىلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىش، تالون، ھەق تاپشۇرۇش ئىسپاتىنى تەلەپ قىلىش ھەمدە ياخشى ساقلاش كېرەك.
ئۈچىنچى، مۇنتىزىم ھەق قايتۇرۇش تەرتىپى ئادەتتە ئەسلىدىكى يول بىلەن قايتۇرۇش شەكلىدە شۇ كىشىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ھېسابات نومۇرىغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، ھەرقانداق ھەق قايتۇرۇشنى باھانە قىلىپ يەنە بىر قېتىم ھەق تۆلەپ مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىدىغان قىلمىشنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق بولىدۇ! مەيلى قانداق ئەھۋال بولسۇن، ئەگەر بانكا كارتىسى ھېسابات نومۇرىنىڭ مەخپىي نومۇرى بىلەن تەمىنلەش، مېمورىئال قىلىش، پۇل پېرېۋوت قىلىش قاتارلىق تەلەپلەر كۆرۈلسە، دەرھال ھوشيار بولۇپ، دەرھال توختىتىش كېرەك.
تۆتىنچى، ھوقۇق-مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغاندا، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى پائال قوغداپ، ئىستېمالچىلار تەشكىلاتىغا ۋاقتىدا ئەرز قىلىشى ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىشى كېرەك.
يەنە بىر يىلدىكى باھار يېتىپ كەلدى
پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ
بىخەتەر، خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ
ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ
ئىستېمالچىلارنى ئىستېمال قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، ئىستېمال قىلىشنى خالايدىغان
يۇقىرى سۈپەتلىك ئىستېمالدىن بەھرىمەن بولۇپ
ئىناق ۋە گۈزەل
يېشىل، تىنچ - ئامان
باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز
ماقالە مەنبەسى/جۇڭگو ئىستېمالچىلار گېزىتى