1-ئايدا جۇڭگونىڭ كۆپ مىقدارلىق تاۋارلىرى كۆرسەتكۈچى %101.1كە يەتتى، تەمىنلەش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى

日期:2024年02月06日
来源:新疆日报网
【字体:

جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى بۈگۈن (2- ئاينىڭ 5- كۈنى) جۇڭگونىڭ 1- ئايلىق كۆپ مىقدارلىق تاۋارلىرى كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى. كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار بىلەن تەمىنلەش، سېتىش، ئامباردا ساقلاشتا ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، بولۇپمۇ تەمىنلەشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى.

1- ئايدا جۇڭگونىڭ كۆپ مىقدارلىق تاۋارلىرى كۆرسەتكۈچى %101.1 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.4 ئاشتى. تۈرلەرگە ئايرىلغان كۆرسەتكۈچلەردە كۆرسىتىلىشىچە، تەمىنلەش مىقدارى، سېتىش مىقدارى ھەم ئامباردا ساقلاش مىقدارىدا بىردەك ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئېشىش ھەجمى كېڭەيگەن، سېتىش مىقدارىنىڭ ئېشىش ھەجمى سەل- پەل كىچىكلىگەن، ئامباردا ساقلاش تۆۋەنلەشتىن ئۆرلەشكە يۈزلەنگەن. (باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى ۋاڭ شەنتاۋ)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى