ھەرقايسى جايلار تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق، قار- يامغۇرلۇق ھاۋارايىغا پائال تاقابىل تۇردى

日期:2024年02月06日
来源:新疆日报网
【字体:

2- ئاينىڭ 4- كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى ليەنيۈنگاڭ شەھىرى خەيجوۋ رايونى شەرقىي چاۋياڭ يولىدا، شەھەر باشقۇرۇش خىزمەتچىلىرى قار ئېرىتىش دورىسى چاچماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (گېڭ يۈخې فوتوسى)

2- ئاينىڭ 4- كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى ليەنيۈنگاڭ شەھىرى خەيجوۋ رايونى شەرقىي چاۋياڭ يولىدا، خىزمەتچى خادىملار قار تازىلاش ئاپتوموبىلى ھەيدەپ قار تازىلىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (گېڭ يۈخې فوتوسى)

2- ئاينىڭ 4- كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھىرى خۇڭزې رايونى گاۋلاڭجيەن كوچىسىدا، پىدائىيلار بىلەن خەلق ساقچىلىرى دېھقانلارنىڭ پارنىك ئۈستىگە يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلىشىغا ياردەملەشمەكتە. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان) شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (چېن كەي فوتوسى)

2- ئاينىڭ 4- كۈنى، قاتناش- تىرانسىپورت قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى گۇيجوۋ يۈپىڭ- پەنجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شىبىڭ ناھىيەسى چېگراسى ئىچىدىكى بۆلىكىدە قار تازىلىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (تەي شېڭجى فوتوسى)

2- ئاينىڭ 4- كۈنى، گۇيجوۋ يۈپىڭ- پەنجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىبىڭ ناھىيەسى چېگراسى ئىچىدىكى ۋۇياڭ دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدە، يول ئاسراش خادىملىرى خىزمەت ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كۆۋرۈك يۈزىدىكى مۇزلارنى تازىلىماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان) شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (تەي شېڭجى فوتوسى)

2- ئاينىڭ 4- كۈنى، تۆمۈريول گۇڭئەن خەلق ساقچىلىرى بىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش خادىملىرى جياڭسۇ خۇەيئەن شەرقىي ۋوگزالى لىنىيەسى بۆلىكىدە چارلاپ تەكشۈرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جاۋ چىرۇي فوتوسى)

2- ئاينىڭ 4- كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇچيەن شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى 2- چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆتۈشىگە قوماندانلىق قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋاڭ لى فوتوسى)

2- ئاينىڭ 4- كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى شيايى ناھىيەسى خۇيتىڭ بازىرى جۇۋافاڭ كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى يېغىۋاتقان قارغا قارىماي، مايسا پارنىكىنى مۇستەھكەملىمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋاڭ گاۋچاۋ فوتوسى)

يېقىنقى كۈنلەردە، دۆلىتىمىزنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قار- يامغۇر يېغىپ، مۇز تۇتۇشتەك ھاۋارايى كۆرۈلدى، ھەرقايسى جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ پائال تاقابىل تۇردى.

پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى