导航切换

شىنخۇا پۈتۈن تاراتقۇسى+ | دۆلىتىمىزدە ياسالغان تۇنجى چوڭ تىپتىكى پوچتا پاراخوتىغا نام بېرىلىپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى دۆلىتىمىزنىڭ كېمىسازلىق كەسپىدىكى «ئۈچ مەرۋايىت» جەم بولدى

日期:2023年11月14日
来源:新疆日报网
【字体:

بۇ، 11-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان «ئەيدا. مودۇ» ناملىق پاراخوت.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ تىڭ فوتوسى

شۇ كۈنى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى چوڭ تىپتىكى «ئەيدا. مودۇ» ناملىق پوچتا پاراخوتىغا رەسمىي نام بېرىلىپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى شاڭخەي ۋەيگاۋچياۋ كېمىسازلىق چەكلىك شىركىتى جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى پوچتا پاراخوتى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئەيدا پوچتا پاراخوتى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئالاقىدار پاراخوتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھۆججىتىنى رەسمىي ئىمزالىدى، ئىشقا كىرىشتۈرۈش تەييارلىق خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، «ئەيدا. مودۇ» ناملىق پاراخوت 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇنجى قېتىم تىجارەت سەپىرىنى باشلايدۇ.

«ئەيدا. مودۇ» ناملىق پاراخوتنىڭ ئومۇمىي تونناژى 135 مىڭ 500 توننا، ئۇزۇنلۇقى 323.6 مېتىر، كەڭلىكى 37.2 مېتىر، ئەڭ ئېگىز يېرى 72.2 مېتىر كېلىدۇ؛ پۈتۈن پاراخوتقا 107 سىستېما، 55 مىڭئۈسكۈنە، 25 مىليون زاپچاس سەپلەنگەن، 4750 كىلومېتىر كابېل ياتقۇزۇلغان؛ پاراخوتتا 2125 ئېغىز ياتاق بار، 5246 يولۇچى سىغىدۇ، ئېگىزلىكى 16 قەۋەت، كۆلىمى 40 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تۇرمۇش، كۆڭۈل ئېچىش ئاممىۋى رايونى بار.

جۇڭگو كېمىسازلىق سانائىتى كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى لى يەنچىڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز بىرلا ۋاقىتتا ئاۋىياماتكا، چوڭ تىپتىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز توشۇش پاراخوتى، چوڭ تىپتىكى پوچتا پاراخوتى ياساش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، كېمىسازلىق سانائىتىدىكى «ئۈچ مەرۋايىت»نى جەم قىلدى. 

بۇ، 11-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان «ئەيدا. مودۇ» ناملىق پاراخوت.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ تىڭ فوتوسى

بۇ، 11-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان «ئەيدا. مودۇ» ناملىق پاراخوت بۆلمىسىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى.

بۇ، 11-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان «ئەيدا. مودۇ» ناملىق پاراخوت بۆلمىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى.

شىنخۇا تورىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى