200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى! سىياسەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا «ھەقىقىي يوسۇندا» كۈچ قوشتى

日期:2023年11月10日
来源:新疆日报网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

11- ئاينىڭ 6- كۈنىمۇخبىرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە،بۇ يىل ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى بىۋاسىتە قوللاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن مەبلىغى 200 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇشتىنئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغانلارغا قايتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇشقىچە،قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش، كېڭەيتىشتىن بىر قېتىملىق ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ياردەم پۇلىنى ۋاقتىدا قايتا قوزغىتىشقىچەسىياسەتنىڭ پايدىسى تېز قويۇپ بېرىلىپ،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سانىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشقان.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1- ئايدىن 9- ئايغىچە،مەملىكەت بويىچە شەھەر- بازارلاردا يېڭىدىن 10 مىليون 220 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان- ۋەزىپىنىڭ % 85ى تاماملانغان،9- ئاينىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە شەھەر- بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5 بولۇپ،2019- يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەدىن تۆۋەن بولغان،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىپ، ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىقنى ساقلىغان

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۆلەت ئىچى بۆلۈمى ئىشلىگەن)