ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
تاموژنا باش مەھكىمىسى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى سىرتقا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ مال سودىسى ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 34 تىرىليون 320 مىليارد يۈەن بولۇپ، تاشقى سودىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى.
تاموژنىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ مال سودىسى ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 34 تىرىليون 320 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.03 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى 19 تىرىليون 550 مىليارد يۈەن بولۇپ، %0.4 ئاشقان، ئىمپورت سوممىسى 14 تىرىليون 770 مىليارد يۈەن بولۇپ، %0.5 تۆۋەنلىگەن. 10- ئايدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى 3 تىرىليون 540 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.9 ئاشقان، ئايلىق ئىمپورت- ئېكسپورت ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن.
(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى كۇڭ لىڭۋېن)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى