جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز

日期:2023年09月12日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كەينى - كەينىدىن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى:

زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز

8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە. پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نېفىت - خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېشىل كانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، بايىنغولىن ئوبلاستى خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى:

ئۈلگىلىك ۋىلايەت، ئوبلاست قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز

8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سانجى ئوبلاستى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تەشكىللەپ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىكى ئۈلگىلىك ۋىلايەت، ئوبلاست قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرلەرنى تۇتۇپ، سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ماددىي بۇيۇم سېلىنمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ كەسىپنى تۇتۇپ، ئىش باشلاشنى تۇتۇپ، سودىگەر چاقىرىش نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، كېڭىشىپ كېلىشىم ئىمزالىغان تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ ماكانلىشىپ ئىش باشلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ئىستېمالنى تۇتۇپ، 3 - كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشكە دائىر كونكرېت تەدبىرلەرنى قاراتمىلىق ئېلان قىلىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى ۋە زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى:

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىمىز ۋە سىڭىشىمىز

8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: قىزىلسۇ ئوبلاستى قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، سانائەت ئىقتىسادى بويىچە «ئۈچ چوڭ ئورۇنلاشتۇرما» «تۆت چوڭ كەسىپ»، يېزا ئىگىلىك كەسپى بويىچە «تۆت بىر مىليون» قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىشى ۋە سىڭىشىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيدىغان كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەدەنىيىتىنى قېزىپ، يېڭى قىياپەت، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى:

كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز

9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. غەربكە ئېچىۋېتىشكە مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە يەنىمۇ كۈچ قوشۇشى كېرەك، دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنچىللىق بىلەن چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پورت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى، رايون ھالقىغان قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە يەنىمۇ كۈچ قوشۇشى كېرەك، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى:

نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىمىز

8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايون بويىچە ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى، پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىش، تونۇشنى ئۆستۈرۈش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. باغ - ئورمان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئاپتونوم رايوننىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن سۇ تەڭشەش پايدىسىدىن ياخشى پايدىلىنىش، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئېغىر، زور ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۆزلەش جەھەتتە، تېخىمۇ كۆپرەك «كۈچلۈك تەدبىر» «قالتىس چارە»لەرنى پىلانلاپ، ھەقىقىي تۈردە «ئەقىل»نى دەل جايىدا كۆرسىتىپ، «پىلان»نى ئاچقۇچلۇق ئورۇنغا قويۇپ تۈزۈپ، تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى:

كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىمىزنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىمىز

8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى سىستېمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، «ئىككى ساغلام» ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، دىققەتنى «سەككىز ئەمەلىي ئىش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پائال تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلارنى تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھە بويىچە پائال قاتنىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە چوڭقۇر سىڭىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ كۈچىنى قوشۇشقا تەشكىللىشى، يېتەكلىشى كېرەك.

(مۇخبىر جاڭ تىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ساۋ خۇا، تويا، گې يوۋجۈن، دۇ جيەنخۇي، ياڭ شۇخەن، سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈن شۆلياڭ)