جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى تەربىيەلەش كۇرسى ھەققىنى قايتۇرۇش ئالدامچىلىقىدىن ھوشيار بولۇشنى ئەسكەرتتى

日期:2023年06月09日
来源:新疆日报网
【字体:

يېقىندا قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ تەربىيەلەش كۇرسى ھەققىنى قايتۇرۇش نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىشىغا قارىتا، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئىستېمالچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ھەققىنى قايتۇرۇش ئالدامچىلىقىدىن ھوشيار بولۇشقا ئەسكەرتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەربىيەلەش ئاپپاراتى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشكارىلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلدى.

جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئالدى بىلەن تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدا گۇمانىي كەسىپلەر قىسقارغان، مەبلەغ زەنجىرى ئۈزۈلگەن چاغدا ئەگىشىش ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈپ، ئىستېمالچىلاردا «ھەقنى قايتۇرۇۋالالماسلىقتىن ئەندىشە قىلىش»تەك تەشۋىشلىنىش پىسخىكىسىپەيدا قىلىپ، ئاندىن ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى، تەربىيەلەش ئاپپاراتى، داڭلىق كارخانا، 3-تەرەپ ھەمكارلىق ئاپپاراتى قاتارلىقلار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ياكى كارخانىلارنىڭ ھۆججەتلىرىنى يالغاندىن ياساپ، تېلېفون ياكى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ تەپسىلىي ماتېرىيالىنى ئېيتىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۇل قايتۇرۇشنى بېجىرىشنى باھانە قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى ئېزىقتۇرۇپ «پۇل قايتۇرۇش توپى»غا كىرىشكە يېتەكلەپ، ئىستېمالچىلارغا باشقىلارنىڭ «پۇلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتۇرۇۋالغانلىقى»دەك ساختا كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىپ، ئىستېمالچىلارنى ئاۋۋال ئارتۇقھەقنى تۆلەپ ئاندىن پۇلنى قايتۇرۇشقا قىزىقتۇرىدىكەن.

جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئىستېمالچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، پۇل قايتۇرۇش ئۇچۇرىنوپۇزلۇق يوللارنى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك، ئومۇمەن پۇل قايتۇرغاندا ئالدىن ئارتۇق ھەق تۆلەشنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق بولىدۇ. شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر توپقا كىرىش، Appچۈشۈرۈپ تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئۇلانمىنى چېكىش، يان تېلېفون دەلىللەش نومۇرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلار تەلەپقىلىنسا، بىردەك ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ.

(مۇخبىر جاۋ ۋېنجۈن)