ئىككى تارماق مەملىكەتلىك ئىناق، گۈزەل يېزا-كەنت ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى

日期:2023年06月09日
来源:天山网
【字体:

خەلق تورىنىڭ 6- ئاينىڭ 7- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسىۋاسكېتبول تەنھەرىكىتى ئېلىمىزنىڭ يېزا- كەنتلىرىدە كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

بۈگۈن، يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى، تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەملىكەتلىك ئىناق، گۈزەل يېزا- كەنت ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى (كەنت BA)نى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ھەم قىزىقارلىق يېزا- كەنت ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى دېھقانلارنىڭ سالاپىتىنى گەۋدىلىك نامايان قىلىپ، يېزا قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، يېزا- كەنت كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ۋە گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دىققەت قىلىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشنى مەقسەت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى يېزا جەمئىيەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسى ۋە تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەھكىمىسى يېتەكچىلىك قىلىدىكەن، جۇڭگو دېھقانلار تەنتەربىيە جەمئىيىتى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى ئاممىۋى تەنتەربىيە بۆلۈمى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرىدىكەن، جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى تېخنىكا جەھەتتىن قوللايدىكەن.

ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، مۇسابىقىدە دېھقانلار ئاساسىي گەۋدە بولۇش، ئەمەلىي، ئاددىي بولۇش، بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇش، دېھقانچىلىق شادلىقى، يېزا پۇرىقى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىنىپ، ئامما تولۇق سەپەرۋەر قىلىنىپ، دېھقانلار ئاساسىي گەۋدە قىلىنىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان قوشۇن تەشكىللىنىپ، دېھقانلار كۆپ قاتنىشىدىغان، خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىرقى مەيدان ئەسلىھەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ مۇسابىقىنى ئاددىي ئۆتكۈزۈش، ئىسراپچىلىق قىلماسلىق، قالايمىقان ھەق ئالماسلىق، ئاساسىي قاتلام ۋە دېھقانلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇسابىقە تەشكىللەشتە يېزا- كەنتلەرنىڭ خاسلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، سەھرا پۇرىقىنى نامايان قىلىپ، ھەشەمەتچىلىككە بېرىلمەسلىك، يۈزەكى ئىش قىلماسلىق كېرەك.

مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، مۇسابىقە ئاساسىي قاتلام مۇسابىقىسى، چوڭ رايون مۇسابىقىسى ۋە ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى باسقۇچ: ئاساسىي قاتلام مۇسابىقىسى (6- ئايدىن 7- ئايغىچە). ھەرقايسى جايلارنىڭ مۇسابىقە پائالىيەتلىرى دېھقانچىلىق ئىشلىرى، دېھقانچىلىق پەسلى ۋە خەلقنىڭ بايرامنى تەبرىكلەش ئۆرپ- ئادەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، يۇرت مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ۋە يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى يېزا- كەنتلەردە ئۆتكۈزۈلۈپ، دېھقانچىلىق شادلىقىنى نامايان قىلىش، يېزا پۇرىقىنى نامايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ: چوڭ رايون مۇسابىقىسى(8-ئايدىن 9-ئايغىچە). ھەرقايسى ئۆلكىلەر يېزا- بازار (كەنت)لارنى بىرلىك قىلىپ، ئىككى توپ كوماندىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ۋەكىللەر كوماندىسى سۈپىتىدە چوڭ رايون مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرىدۇ. مەملىكەت بويىچە شەرقىي جەنۇب، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇبتىن ئىبارەت تۆت مۇسابىقە رايونى تەسىس قىلىنىپ، مۇسابىقە رايونىغا ئايرىپ ئۆلكە دەرىجىلىك ۋەكىللەر كوماندىلىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەرقايسى مۇسابىقە رايونىدا ئۇتۇپ چىققان كوماندا 3- باسقۇچلۇق ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىدۇ.

ئۈچىنچى باسقۇچ: ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە (10- ئايدا). تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىناق، گۈزەل يېزا- كەنت ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى (كەنت BA)نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ تەيجياڭ ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كوللېكتىپنى چۆرىدەپ، كوللېكتىپ، شەخسلەر بويىچە مۇكاپات تۈرى ئايرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، شەخسلەر مۇكاپاتى مۇسابىقە نەتىجىسىگە ئاساسەن نەق مەيداندا MVP (ئەڭ قىممىتى بار توپچى)، نومۇر ئېلىش شاھى، ياردەمچى ھۇجۇم شاھى، ئۈچ نومۇرلۇق ماھىر ۋە گاردىن قايتقان توپ شاھى باھالاپ چىقىلىدۇ.

نۆۋەتتە، چوڭ رايون مۇسابىقىسى ۋە ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى تېخى ئېنىق ئەمەس، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى جۇڭگو دېھقانلار تەنتەربىيە جەمئىيىتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى ئاممىۋى تەنتەربىيە بۆلۈمى بىلەن بىرلىشىپ ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.