پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئۆستۈرۈلىدۇ!

日期:2023年05月25日
来源:新疆日报网
【字体:

2023-يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى%3.8 ئۆستۈرۈلىدۇ

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى «2023-يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭئاساسىيكۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بەلگىلىمە بويىچە پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن ھەم ئاي بويىچەئاساسىيكۈتۈنۈش پۇلى ئېلىۋاتقان كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭئاساسىيكۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئومۇمىي تەڭشەش سەۋىيەسى 2022-يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئاساسىي كۈتۈنۈشپۇلىنىڭ %3.8ىگە توغرا كېلىدۇ.

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە نورما بەلگىلەپ تەڭشەش، چېتىپ تەڭشەش ۋە مۇۋاپىق مايىللىشىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تەڭشەش چارىسى داۋاملىق قوللىنىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، نورما بەلگىلەپ تەڭشەشتە جەمئىيەت ئادىللىقى نامايان قىلىنىپ، ئوخشاش بىر رايوندا پېنسىيەگە چىققان تۈرلۈك كىشىلەر توپىنىڭتەڭشەش ئۆلچىمى بىردەك بولىدىكەن؛ چېتىپ تەڭشەشتە «كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش» «ئۇزاق مۇددەت تاپشۇرغانلار كۆپ ئېرىشىش»تەك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى نامايان قىلىنىپ، خىزمەتتىكى ۋاقتىدا كۆپ ھەق تاپشۇرغان، ئۇزاق مەزگىلھەق تاپشۇرغان خادىملارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىمۇ كۆپ بولىدىكەن؛ مۇۋاپىق مايىللىشىشتا نۇقتىلىق غەمخورلۇق قىلىش نامايان قىلىنىپ، ئاساسلىقى چوڭ ياشتا پېنسىيەگە چىققانلار ۋە جاپالىق، چەت، يىراق رايونلاردا خىزمەت قىلىپ پېنسىيەگە چىققانلار قاتارلىق كىشىلەر توپىغا ئېتىبار بېرىلىدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ، تەڭشەپ كۆپەيتىلگەنئاساسىيكۈتۈنۈش پۇلىنى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ قولىغا تېزدىن تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى