5-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «نوپۇزلۇق تارماقلار باشلىنىش سۆزى قىلىش» يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداقتونۇشتۇردى: دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى تۇغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى سىجىلياخشى ئىشلەپ، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئالاقىدار يانداشقوللاش سىياسەتلىرىنى پائال تەتقىق قىلدى،مۇكەممەللەشتۈردى.
بىرىنچى، تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىسىجىل جارى قىلدۇرۇلىدۇ. تۇغۇت سۇغۇرتىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە خىزمەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قاپلاپ، تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى ۋە تۇغۇت قوشۇمچە پۇلى تەمىناتى بېرىلىدۇ. 2022-يىلى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 240 مىليون ئادەم تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولۇپ، تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتى چىقىمى 89 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولدى. تۇغۇت سۇغۇرتىسى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭئۆزئارا ھەمدەم بولۇش،ئۆزئارا ياردەم بېرىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يەككە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشلىتىشتىنكېلىپ چىققان تۇغۇتقا ئالاقىدار خىراجەت چىقىمىنى بارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئارىسىدا تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشلىتىشئەندىشىسىنى يېنىكلىتىدۇ، بۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى جىنسىي كەمسىتىشنى تۈگىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىككىنچى، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ھەرقايسى جايلاردىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىكلىرىدىنتولۇقبەھرىمەنبولۇشىغاھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلاردىن سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى ۋە تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىنى تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتىچىقىم قىلىش دائىرىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈپ، تولۇق چىقىم قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ماس قەدەمدە ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىناتنى جىپسىلاشتۇرۇش، ۋاقتىدا راسچوت قىلىشقاھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى بېسىپ تارقىتىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئۈچ پەرزەنتلىك بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ،ئاكتىپ تۇغۇتنى قوللاش تەدبىرلىرىمۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. 2022-يىلى 7-ئايدا، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى 17 تارماق بىلەن بىرلىكتە «ئاكتىپ تۇغۇتنى قوللاش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرلىكنىڭ فوندنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى، ئالاقىدار تېخنىكىلارنىڭ قېلىپلىشىشى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ،تۇغۇتتا ئاغرىق توختىتىش ۋە تۇغۇتقا ياردەم بېرىش تېخنىكا تۈرلىرىنى تەرتىپ بويىچە فوندنىڭ چىقىم قىلىش دائىرىسىگە مۇۋاپىق كىرگۈزۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرىجېڭ يىجې، ليۇ تىڭيۈ)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى