ئاجىزلار يار-يۆلەككە ئېرىشتى، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكى پۇختىلاندى

日期:2023年05月25日
来源:新疆日报网
【字体:

مائارىپ

ئاڭلاش سېزىمى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەرنى جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، فۇجيەن ئۆلكىسىچۈەنجوۋ شەھەرلىكئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى كۆپ تۈرلۈك پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى كەسپىي تەربىيەلەش دەرسلىكلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈردى. سۈرەتتە: ئاڭلاش سېزىمى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلار ساپال سەنئىتى دەرسىگە قاتناشماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ يى فوتوسى

ئىشقا ئورۇنلىشىش

جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرى ئەيدې بولكىخانىسىدىكى ئەقلىيتوسالغۇغا ئۇچرىغان مال ساتقۇچى پېچىنە-پىرەنىكلەرنى رەتلىمەكتە. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەلەردىكىلەرنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە، ئەقلىي توسالغۇغا ئۇچرىغان نۇرغۇنكىشىتەربىيەلىنىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، جەمئىيەت بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۇچراشتى، جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى بو فوتوسى

داۋالاش

ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فۇياڭ شەھىرى فۇنەن ناھىيەسى خۇڭخېچياۋ بازارلىق دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملار شىنجۇاڭ كەنتىدە قېيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈپ قويماقتا. لۈ نەيمىڭ فوتوسى («خەلق تورى» كۆرۈش سەزگۈسى)

بالىلارنى بېقىش

خېنەن ئۆلكىسىيۇڭچېڭ شەھەرلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنى ئىللىق تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ، بالىلارنىسالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاپ، ئۇلارنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشىغا ياردەم بەردى. ليۇ جياشىڭ فوتوسى («خەلق تورى» كۆرۈش سەزگۈسى)

چوڭلارنى ھۆرمەتلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۈن بازىرى يېزا بەخت چوڭ قورۇسىدا، خىزمەتچى خادىم ياشانغانلارغا چاۋاك چېلىش مەشغۇلاتىنى ئۆگەتمەكتە. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيجوۋ شەھىرى شيەنجۈ ناھىيەسى خېڭشى بازىرى ياڭجۇاڭ كەنتىدە، پارتىيە ئەزالىرى شۇ جايدىكى تۆۋەن كىرىملىك دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ پەسىللىك كۆكتاتلىرى ۋە يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى خالىسانە سېتىشىپ بەرمەكتە. چېن يۆمىڭ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

قانۇن ياردىمى

گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەنشى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشىداگۈەن بازىرى چيۇلىن كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىگە قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇلارنى قانۇن ياردىمى بىلەن تەمىنلىمەكتە. جوۋ شۈنچاۋ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش

جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن شەھىرى شىنگەن ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى مەيشيې بازىرى نابۇ كەنتىدە قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىنى يۆتكىمەكتە. لى فۇسۈن فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

تۇرالغۇ كاپالىتى

يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرى يۇڭشەن ناھىيەسى خۇڭگۇاڭ يېڭى رايونى يۇڭشەن ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ بولغان نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش-ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولۇپ، 3000دىن كۆپرەك ئائىلىدىكى 10 نەچچە مىڭ ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلقتا قالغان ئاممىنى تۇرالغۇ كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. چېن خۇڭ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

ئاجىزلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن گۈزەل ئەخلاقى؛ «ئاجىزلارنىڭ يار-يۆلىكى بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش − پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قارىتا، بىز ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە كۆيۈنۈپ، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ غەم ـ ئەندىشە، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.»«خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچىشىمىز كېرەك».

ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، قاتلام ۋە تۈرگە ئايرىلغان، شەھەر بىلەن يېزا بىر تۇتاش پىلانلانغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم قىلىش سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلدى؛ يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارغا كۆيۈنۈش، ئۇلارنى قوغداش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇلدى؛ قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرگە كۈتۈنۈش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇلدى... بىر قاتار خەلق تۇرمۇشىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى تەدبىرلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تورىنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ مۇستەھكەم توقۇدى.

مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ سالمىقى سىجىل زورايتىلدى، 2022-يىلى مەركەز مالىيەسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ياردەم پۇل مەبلىغى 154 مىليارد 680 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 7 مىليارد 60 مىليون يۈەن ئاشتى؛ تەمىنات سەۋىيەسى مۇقىم ئاشتى، 2022-يىلى شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ھەربىر ئادەمنىڭ ھەر ئايدا 734 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر ئايدا 554 يۈەن بولدى؛ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، ياردەم قىلىش-يۆلەش تېخىمۇ دەل جايىدا بولدى، 2020-يىلىدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار جەمئىي تارقاتقان مال باھا ياردەم تولۇقلىمىسى تەخمىنەن 37 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 730 مىليون ئادەم قېتىم نەپ يەتكۈزدى... بىر قاتار سانلار قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئىللىقلىققا گۇۋاھ بولدى.

«خەلق گېزىتى» مۇخبىرى لى شىنپىڭ)

«خەلق گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى