خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى: 4-ئايدا دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە يولۇچى توشۇش كۆلىمى يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتتى

日期:2023年05月24日
来源:新疆日报网
【字体:

خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئالاقىدار مەسئۇل خادىم مۇنداق تونۇشتۇردى: 4-ئايدا، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى بازىرى داۋاملىق پۇختا، ساغلام ئەسلىگە كېلىپ، پۈتۈن ساھەبويىچە تاماملانغانتىرانسپورت ئومۇمىي ئوبوروت مىقدارى 9 مىليارد 310 مىليون توننا كىلومېتىرغا يېتىپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى %7.3 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %214.5 ئېشىپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىنىڭ %88.6ىچىلىك ئەسلىگە كەلدى؛ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش كۆلىمى داۋاملىق قايتا ئېشىپ، يولۇچى توشۇش مىقدارى 50 مىليون 275 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى %10.0 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %537.9 ئېشىپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىنىڭ %94.6ىچىلىك ئەسلىگە كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە يولۇچى توشۇش كۆلىمى يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى سەۋىيەدىن ئېشىپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.4 ئاشتى؛ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يۈك، پوچتا يوللانمىسى تىرانسپورت كۆلىمى ئاساسەن مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، تاماملانغانيۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى تىرانسپورت مىقدارى 545 مىڭ توننا بولۇپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى %1.4 تۆۋەنلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.5 ئېشىپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىنىڭ %90.6ىچىلىك ئەسلىگە كەلدى. 4-ئايدا، خەلق ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۈنۈم كۆرسەتكۈچى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى. پۈتۈن ساھە بويىچە ئايروپىلانلارنىڭ كۈندىلىك پايدىلىنىش نىسبىتى 8.2 سائەت بولۇپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى 0.7 سائەت ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.0 سائەت ئاشتى.

​(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى: ساۋ دەن، لى شياۋخۇ)

مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى