نوپۇزلۇق دەرسلىكلەرنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاش، كۈچنى توپلاش

日期:2023年05月22日
来源:新疆日报网
【字体:

− ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى ئۆگىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 -، 2 - تومى پۈتۈن مەملىكەتتە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش.

بۇ تاللانما ئوقۇشلۇققا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئايدىن 2022 - يىلى 10 - ئايغىچە بولغان بۇ بۆلەك ۋاقىت ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىدىكى نوپۇزلۇق دەرسلىك ھېسابلىنىدۇ.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 -، 2 - تومىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ئەستايىدىللىق بىلەن ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنىڭ تەمى، ئىدىيەنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ، تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىدىكى توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلاندى.

ئەسلىي تېكىستنىڭ يېتەكچىلىكىدە قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، ھەقىقەتنى ھېس قىلىش

بېيجىڭ كىتاب سارىيىغا كىرگەندە، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى كىتابلىرى» مەخسۇس رايونى ئالدىدا، «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 -، 2 - تومى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇرمەننى ئىختىيارسىز قەدىمىنى توختىتىپ ئوقۇشقا جەلپ قىلدى.

ۋاقىتنى بىر يىل كەينىگە قايتۇرايلى. 2022 - يىلى 5 - ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى تەھرىرلەپ نەشر قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور قارارنى چىقاردى. تاللانما ئوقۇشلۇقنى تەھرىرلەپ نەشر قىلىشتىكى مەقسەت ئوقۇرمەنلەرنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە چۈشىنىپ، بۇ ئىدىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر يېتەكچى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئىگىلەشكە يېتەكلەشتىن ئىبارەت.

«تەھرىرلەش جەريانىدا، بىز كۆڭۈل قويۇپ تاللاش ۋە تەھرىرلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى جەھەتلەردە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم كۆز قاراشلىرى نامايان قىلىنغان قول يازمىلارنى تاللاپ تۈزۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇھىم، زور ئىجادىي تۆھپە قوشقانلىقى نامايان قىلىنغان قول يازمىلارنى تاللاپ تۈزۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تۈپ يۆنىلىشى ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى نامايان قىلىنغان قول يازمىلارنى تاللاپ تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىدىغان، ئەمەلىيەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئۇلۇغ ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولىدىغان ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردۇق» دېدى تەھرىر گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى تونۇشتۇرۇپ.

تاللانما ئوقۇشلۇققا باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى مۇقەددىمە قىلىنغان، باشقا ئەسەرلەر ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىلغان بولۇپ، جەمئىي 147 پارچە مۇھىم ئەسەر كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئەسەرلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نۇرغۇن قول يازمىلىرى ئىچىدىن كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، ھەممىسى ئىجادىي خاراكتېرگە، ۋەكىللىك خاراكتېرگە، بەلگە خاراكتېرگە ئىگە مۇھىم ئەسەرلەر.

تاللانما ئوقۇشلۇق ۋاقىت جەھەتتە يېڭى دەۋردىكى ئون يىلنى تۇتاشتۇرغان، مەزمۇنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشقا دائىر ھەر قايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنىڭدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىش، تەرەققىي قىلىش ئاساسىي تومۇرى ۋە ئۇنىڭ مۇكەممەل ئىلمىي سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن، سىستېما جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىگە، ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

«پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشتە، ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش. تاللانما ئوقۇشلۇقتىكى بىر روشەن ئالاھىدىلىك ئەسلىي تېكىستنى نامايان قىلىش بولۇپ، بۇنداق بولغاندا كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەسلىي قانۇنىيىتىنى، ئەسلىي مەنىسىنى تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ بىۋاسىتە ئىگىلىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.» تەھرىر گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى مۇنداق بىلدۈردى: تەھرىرلەش جەريانىدا، تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، ئەسلىي ئەسەرگە سادىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە روشەن ئۇسلۇبىنى تولۇق نامايان قىلدۇق.

بىر يىلغا يېقىن كۆڭۈل قويۇپ تەھرىرلەش ئارقىلىق، «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق» 2023 - يىلى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇ، تۇنجى قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت - ئەسەرلەرنى تەھرىرلەش كومىتېتى نامىدا تەھرىرلەپ نەشر قىلىنغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئەسىرى.

«<شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق>نى ئۆگىنىش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە.» پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان ئۇقتۇرۇشتا شۇنداق تەكىتلەندى. تاللانما ئوقۇشلۇقنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، روھنى تاۋلاپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش

4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، بىر مەيدان ئۆزگىچە «مىكرو لېكسىيە» تيەنجىن داشۆ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە باشلاندى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چۆرىدەپ، تيەنجىن داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يۈ چوڭقۇر، مەزمۇنلۇق سۆزلىدى، ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلىدى.

«بىز نەزەرىيە ئۆگىنىشنى باش تېما تەربىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، <شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق>نى كۈندىلىك ئوقۇتۇشقا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا كىرگۈزۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدۇق.» جاڭ يۈ مۇنداق دېدى: ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ نوپۇزلۇق ئەسەرنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىپ، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تىرىشىپ داۋلىنى چوڭقۇر، ئېنىق، جانلىق سۆزلەيمەن.

قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەندىلا، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

بېيجىڭ داشۆ مەكتەپ قورۇسىدا، باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. مەكتەپ «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق» كىتاب ئوقۇش كۇرسى، «خەلق بىلەن بىرلىكتە يول ئېچىپ، ۋەتەن بىلەن بىرلىكتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» باش تېما كۆرگەزمىسى، مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق مول، كۆپ خىل ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، نەزەرىيە ئۆگىنىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ، ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«بىز ئۆگىنىش داۋامىدا ئالىي مائارىپ خىزمىتى ۋە بېيجىڭ داشۆنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تاللانما ئوقۇشلۇقتىكى «ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش» قاتارلىق ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى - ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەزمۇنلارنى جۈملىمۇجۈملە تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەر قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە قارىتا تېخىمۇ ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولدۇق» دېدى بېيجىڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى رېن يۈجۇڭ.

ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش داۋامىدا جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلىدى.

«شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى قولىغا ئېلىپ، لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت، قانۇن - نىزام باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى چۇنخۇا بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆگەندى.

«باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نوپۇس كۆلىمى غايەت زور، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىغان، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بىر - بىرىگە ماسلاشقان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان، تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشتۇر. مەن بۇ مۇھىم بايانلاردا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكىنىڭ ئىزاھلانغانلىقىنى، شۇنداقلا خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، پۈتۈن دۇنيانى قەلبىگە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇش قاتارلىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇللارنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكىنىمۇ ھېس قىلدىم. تاللانما ئوقۇشلۇقنى ئۆگىنىشتە، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئىگىلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، قاراش، ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۇنى ياخشى تەتبىقلىشىمىز كېرەك» دېدى لى چۇنخۇا.

سىياسىي جەھەتتىكى قەتئىيلىك نەزەرىيە جەھەتتىكى سەگەكلىكتىن كېلىدۇ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ، ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.

4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، گۇاڭجوۋ بەييۈن ئايرودۇرۇمى 3 - قارارلىق ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى تۈرى ئىشچى - خىزمەتچىلەر كۇتۇپخانىسىدا، بىر مەيدان كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.

«نەزەرىيە ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىگە تۈرتكە بولغاندىلا، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملىگىلى، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلىغىلى، ئىدىيە رولىنى مەھكەم تۇتقىلى بولىدۇ»... كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدە، جۇڭگو بىناكارلىق - قۇرۇلۇش 4 - ئىدارىسى 1 - شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جۇ يۈ نەزەرىيە ئۆگىنىش بىلەن مەخسۇس تېمىدىكى پارتىيە دەرسىنى بىرلەشتۈرۈپ، 30دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، ئىتتىپاق ئەزاسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بىرلىكتە «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى ئۆگەندى.

نەق مەيداندا، «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك 1 - ماي ئەمگەك مېدالى»غا ئېرىشكۈچى بەي سىمىن ۋەكىل بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆگىنىش تەسىراتىنى ھەمبەھرىلىدى: «غايە - ئېتىقاد پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى. ئۆگىنىش ئارقىلىق شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر غايە - ئېتىقاد بايرىقى جەۋلان قىلدۇرۇلغان، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچنى مۇستەھكەملەش تەكىتلەنگەن. بىز ئۆگىنىش جەريانىدا، مۇستەھكەم غايە - ئېتىقادنى قەلبىمىزگە ئورنىتىپ، ئەمەلىيىتىمىزگە سىڭدۈرۈپ، ئىش ئورنىمىزغا بىرلەشتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق غايە - ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشنى ئىزاھلىشىمىز كېرەك.»

چاڭبەيشەن تېغى ۋە خېيلۇڭجياڭ دەرياسىدىن نەنخەي دېڭىزى ساھىلىغىچە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئىچكىرىسىدىن قارلىق ئېگىزلىككىچە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى زۆرۈر ئوقۇشلۇق قىلىپ، ئۆگىنىش داۋامىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقچىللىق ھېسسىياتى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتىنى ھېس قىلدى.

«بىز مەھەللىدىكى كادىرلار، ئاممىنى بىرلىكتە ئوقۇپ ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلدۇق، <يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرايلى> ناملىق ئەسەرنى ئوقۇپ تېخىمۇ چوڭقۇر ئىلھاملاندۇق، ھەسسىلەپ روھلاندۇق» دېدى خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىنىڭ چىڭشەن رايونى چىڭخېجۈ مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گۈي شياۋمېي.

2020 - يىلى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، گۈي شياۋمېي خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن ئۇدا جەڭ قىلىپ، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش «پولات ئىستىھكامى»نى قۇردى.

«<شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق>نى ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە قويۇق خەلقچىللىق ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇشنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈلگەن قىزىل سىزىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، شۇنداقلا <خەلق> دېگەن سۆزنىڭ تۈپ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» گۈي شياۋمېي مۇنداق دېدى: مەھەللە كادىرلىرى ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك، بىز ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ھەل قىلىشنى يۆنىلىش قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى ئەمەلىي قىلىشىمىز، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئىشلارنى ئىنچىكە قىلىشىمىز، خەلق رايىغا ياقىدىغان ئىشلارنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

قەتئىي ئىشەنچ بىلەن پۇختا يولغا قويۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيەتكە تۈرتكە بولۇش

ۋۇلىڭ تېغى ئېتىكىدە، يامغۇردىن كېيىنكى خۇنەن شياڭشى شىبادۇڭ كەنتى تۇمان بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ھاۋادا تۇپراقنىڭ نەمخۇش ھىدى تارىلىپ تۇراتتى. ئىلگىرىكى بۇ نامرات تاغ جىلغىسى بۈگۈنكى كۈندە كەنت - مەھەللىلەر گۈزەل، كەسىپلەر گۈللەنگەن، ساياھەتچىلىك روناق تاپقان «ھاللىق كەنت»كە ئايلاندى.

توققۇز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، دەل مۇشۇ جايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم «دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى مياۋزۇلار كەنتىنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشى باشلاندى. «تاللانما ئوقۇشلۇقتىكى باش شۇجىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى بېيىش يولىمىزدىكى <ئالتۇن ئاچقۇچ>قا ئايلاندى.» شىبادۇڭ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇڭ شۇيوۋ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ئۆگىنىش داۋامىدا غايىسىنى چىڭىتتى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

«تاللانما ئوقۇشلۇققا كىرگۈزۈلگەن <دۇنيا بويىچە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش> <يۇقىرى سەۋىيەدىكى پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش> قاتارلىق ئەسەرلەردە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن بولۇپ، تەپسىلىي ئوقۇسىڭىز ناھايىتى كۆپ تەسىراتقا ئىگە بولىسىز.» 44 ياشلىق ليۇ شىشۈەن چىلۇ سانائەت داشۆسى(شەندۇڭ ئۆلكىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى) دېڭىز - ئوكيان مۇھىتىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش تېخنىكىسى ئاكادېمىكلىرى يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ ئىلىم باشلامچىسى.

دېڭىز - ئوكيان ئەسۋاب - جابدۇقلىرى تەتقىقاتى بىلەن ئۇزاق مەزگىل شۇغۇللانغان پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ليۇ شىشۈەن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى قەلبكە سىڭدۈرۈپ، روھنى تاۋلاپ، ئۆز خىزمىتىمنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، دېڭىز - ئوكيان ئەسۋاب - جابدۇقلىرىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي كەسىپنى مەۋقە قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ئۆگىنىش داۋامىدا ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىدى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتتى.

شىجۇڭشەن تېغى ئېتىكىدە، پوياڭخۇ كۆلى بىلەن چاڭجياڭ دەرياسى كېسىشىپ تۇرىدۇ، بۇ يەردىن يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنغا سوزۇلغان جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى تەۋەسىدىكى 152 كىلومېتىرلىق چاڭجياڭ دەرياسى قىرغىقى لىنىيەسى خۇددى كىرىچى تارتىلغان ئوقياغا ئوخشايدۇ.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جيۇجياڭ شەھەرلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت ئىدارىسى بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «<شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق>نى ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەن شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم، يەنە باش شۇجىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مەسىلە يۆنىلىشىدە قانداق چىڭ تۇرغانلىقى، <قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى>نى قانداق قىلغانلىقى، ئەمەلىيەتكە قانداق يېقىنلاشقانلىقى، ئاممىغا قانداق يېقىنلاشقانلىقىنى ئۆگەندىم» دېدى ئېكولوگىيە - مۇھىت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تەن تەيخۇاڭ.

«نىسبەتەن ئاسان بولغان تۈزەش خىزمىتىنىڭ ھەممىسى تاماملاندى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىش قىيىن بولغان <قاتتىق قىيىنچىلىق>.» تەن تەيخۇاڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنى تېز تاماملاپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، سۈزۈك دەريا سۈيىنى ئەۋلادلارغا قالدۇرىمىز، خەلققە نەپ يەتكۈزىمىز.

كۈچ - قۇۋۋەت قوبۇل قىلىپ، پەزىلەتنى تاۋلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ماھارەتكە ئايلاندۇردى.

«پارتىيە مەكتىپى رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتىدىغان چوڭ پېچ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدىغان چوڭ مەكتەپ بولۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ كادىرلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالغان.» خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى ئىلمىي سوتسىيالىزم ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەكتىپىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاڭلىق ھالدا ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تەتبىقلاپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىشكە تەتبىقلاپ، كۇرسانتلارنى ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

نەزەرىيەنىڭ قىممىتى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا، ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى پۈتۈنلەي تەتبىقلاشتا.

ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىش ئورنىدا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە، ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە... كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)