مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2023年05月22日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇردى، ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش − ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرىدىغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بارلىق ياشانغانلارنى قاپلىغان، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئېنىق بولغان، كاپالەتلەندۈرۈش مۇۋاپىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى دۆلەت بىۋاسىتە تەمىنلەيدىغان ياكى ئالاقىدار سۇبيېكتلارنى مەلۇم شەكىلدە قوللاش ئارقىلىق ياشانغانلارنى تەمىنلەيدىغان، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زۆرۈر بولغان ئۇللۇق، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تولۇق كاپالەتلىك مۇلازىمەتنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ماددىي ياردەم، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى، كۆيۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ ئوبيېكتى، مەزمۇنى، ئۆلچىمى قاتارلىقلار ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئاساسەن ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشىلىدۇ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دىققەت نۇقتىلىق ھالدا ياشانغانلارنىڭ ئائىلە بويىچە ۋە شەخسلەر تاقابىل تۇرۇش تەس بولغان ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالماسلىق، مېيىپ بولۇش، قارىغۇچىسى يوق بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن چاغدىكى ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈلىدۇ.