دۆلىتىمىزنىڭ تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدىغان سىناق ئالەم ئۇچقۇچىسى يەرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى

日期:2023年05月22日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جيۇچۈەن، 5-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگىراممىسى(مۇخبىرلى گولى) دۆلىتىمىز جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن تەكرارئىشلىتىشكە بولىدىغان سىناق ئالەم ئۇچقۇسى، ئوربىتىدا 276 كۈن ئۇچقاندىن كېيىن، 5-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بەلگىلەنگەن قونۇش مەيدانىغا قايتىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى، دۆلىتىمىزنىڭ تەكرارئىشلىتىشكە بولىدىغان ئالەم ئۇچقۇسىتېخنىكىسى تەتقىقاتىدا مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، كېيىنكى ۋاقىتلاردائالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق، ئەرزان بېرىش-كېلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى