قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيلى

日期:2023年03月22日
来源:新疆日报网
【字体:

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.» 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: «چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي، قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتى، خىسلىتى، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك».

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كېرەك، پارتىيە گۈللەنگەندىلا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى ئەڭ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، پۈتۈن پارتىيە ئىدىيە جەھەتتە تېخىمۇ بىرلىككە كېلىپ، سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەت جەھەتتە تېخىمۇ بىردەك بولدى. بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق پارتىيەمىز تىنچلىق ـ قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش ـ خارابلىشىش تارىخىي دەۋرىيلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككىنچى جاۋابىنى تېپىپ چىقىپ، ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى، پارتىيەمىز ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى تۈپ يېتەكچىلىك ۋە كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش»؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم، زور پىرىنسىپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ پىرىنسىپنىڭ بىرىنچى ماددىسى «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش». جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، پارتىيەمىز 96 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىغا ئىگە چوڭ پارتىيە بولۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت تارىخىي ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. بىزنىڭ بۇنداق چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا، ئەگەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى بولمىسا، ئەگەر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىشى، قەدەمنى بىردەك ئېلىشى بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. يېڭى مۇساپىدە، پەقەت پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشتىن ـ ئاخىر ئومۇمىي خەلقنىڭ بوران ـ چاپقۇن يېتىپ كەلگەن چاغدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچىغا ئايلاندۇرغاندىلا، چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك سىياسىي ئۇيۇشۇش كۈچى، تەرەققىيات ئىشەنچىگە ئىگە بولۇشىغا، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك، ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا دائىر مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلار قىلىندى. پارتىيەمىز دۇنيادىكى ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئەڭ چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن ـ ئاخىر خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشتە جەزمەن چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلىشى كېرەك. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق، پارتىيە ئىچىدىكى نۇرغۇن گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، لېكىن پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن «تۆت چوڭ سىناق» «تۆت خىل خەۋپ» ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى ۋە ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسى، مەڭگۈلۈك تېمىسى قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۈزۈل ـ كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاتاكا بۇرغىسىنى مەڭگۈ چېلىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق بولۇش تەدبىرى، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغاندىلا، چوقۇم قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. يېڭى نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن قايتا ئاتلاندۇق، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھانغا بېرىش سەگەكلىكى ۋە ئېھتىياتچانلىقنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قىلچە توختىتىپ قويماي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئۈزلۈكسىز كۈچ قوشايلى، شان ـ شەرەپ كەلتۈرەيلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)