شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

日期:2023年03月17日
来源:天山网
【字体:

​سەي چى قاتناشتى

3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ بىللە ماڭايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ بىللە ماڭايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرۋاڭ بىڭ) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ بىللە ماڭايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر قاتار زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سوئاللارغا قارىتا، سىياسىي پارتىيە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش مەسئۇلىيىتى بار. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر ئۆز تەقدىرىنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنيا تەرەققىياتىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە يېڭى كۈچ قوشىدۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشىغا يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئەگرى - توقاي ۋە ئېگىز - پەس، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش مۇساپىسى جاپا - مۇشەققەتكە تولغان. بۈگۈنكى دۇنيادا، كۆپ خىل خىرىس ۋە كىرىزىس گىرەلىشىپ ئۈستىلەندى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قىيىنلاشتى، تەرەققىياتتىكى ھاڭ ئۈزلۈكسىز چوڭايدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ناچارلاشتى، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىنىڭ قارا تۇمانلىرى تېخى تارقىلىپ كەتمىدى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئۇ بەش تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنىڭ خەلقچىللىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك؛ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنىڭ كۆپ خىللىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك؛ توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ سىجىللىقىنى ساقلاش كېرەك؛ ئۆزى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، باشقىلارنىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ جاسارەتلىك - غايىلىك بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش رەھبەرلىكىنىڭ قەتئىيلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىدىن قايتماي كۈرەش قىلىش ئارزۇسى بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئىنتىلىش تارىخى، شۇنداقلا زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش تارىخى. نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقتۇق. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەم ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلغان، ھەم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلغان، ھەم تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغان، ھەم زامانىۋى مەدەنىيلىككە يۇغۇرۇلغان، ھەم جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان، ھەم دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى داغدام يولىمىز، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ بۈيۈك ئىناقلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى مۇقەررەر يول.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، پۈتۈن يەرشارىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بازار ئىجازىتىنى سىجىل كەڭ قويۇۋېتىپ، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىمىز. جۇڭگونىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بىز دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى جۇڭگو ياسىمىچىلىقى ۋە جۇڭگو ئىجادىيىتى بىلەن تەمىنلەيمىز، دۇنيانى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك جۇڭگو بازىرى ۋە جۇڭگو ئېھتىياجى بىلەن تەمىنلەيمىز. بىز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىنى قەتئىي قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، سانائەتلىشىش، زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى جۇڭگو لايىھەسى ۋە جۇڭگو كۈچى بىلەن تەمىنلەيمىز. بىز ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇستەملىكە قىلىش، تالان - تاراج قىلىشتەك كونا يولدا ماڭمايدۇ، دۆلەت قۇدرەت تاپسا چوقۇم زومىگەر بولىدىغان ئەگرى يولدا ماڭمايدۇ، ماڭىدىغىنى تىنچلىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت جاھاندىكى توغرا يول. بىز ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش ئارقىلىق تۈگىتىش، تالاش - تارتىشنى ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز، ھەرقانداق شەكىلدىكى زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ئىتتىپاقلىق روھى ۋە ئورتاق پايدا ئېلىش تەپەككۇرى ئارقىلىق مۇرەككەپ، گىرەلىشىپ كەتكەن خەۋپسىزلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئادىل، ھەققانىي، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بىخەتەرلىك ئەندىزىسى بەرپا قىلىمىز. دۇنيا «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»غا موھتاج ئەمەس، دېموكراتىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا، قارشىلىشىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىشنىڭ ئۆزى دېموكراتىيە روھىنى دەپسەندە قىلغانلىق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، زىيىنى سان - ساناقسىز. جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى دۇنيا تىنچلىق كۈچىنىڭ ئېشىشى، خەلقئارا ھەققانىيەت كۈچىنىڭ زورىيىشى بولۇپ، تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يېتىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو مەڭگۈ زومىگەر بولمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئۆزىگە خاس زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى مول، كۆپ خىل، ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىشتا يىلتىز تارتقان. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ياراتقان ھەر خىل مەدەنىيلىكلەر پارلاق نۇر چېچىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئۈچۈن مول ئاساس توپلاپ، روشەن ئالاھىدىلىك بېغىشلىدى ھەمدە ۋاقىت، بوشلۇقتىن ھالقىپ، دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىپ، ئورتاق ھالدا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، مۇقەررەر دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى زور دەرىجىدە بېيىتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى زىچ باغلانغان بۈگۈنكى كۈندە، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇپ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئالماشتۇرۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇش، دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى گۈللەندۈرۈشتە تەڭداشسىز رول ئوينايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا شى جىنپىڭ يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

− بىز دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىيلىكتە باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئارازلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك توقۇنۇشىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىكتە سىغدۇرۇشچان بولۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىدىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىز كېرەك.

− بىز پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىشىمىز كېرەك، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ قىممەت ئىچكى خاس مەزمۇنىغا بولغان تونۇشىنى چۈشىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئەندىزىسىنى باشقىلارغا مەجبۇرىي تاڭماسلىقىمىز، ئىدېئولوگىيە جەھەتتە قارشىلىشىش بىلەن شۇغۇللانماسلىقىمىز كېرەك.

− بىز مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنىڭ دەۋر قىممىتىنى تولۇق قېزىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىجادىي ئايلىنىشى، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

− بىز خەلقئارا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك بويىچە سۆھبەتلىشىش ھەمكارلىق تورى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ھەمكارلىق يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا، ئالغا بېسىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، جاھاندىكى داغدام يولدا قول تۇتۇشۇپ بىللە ماڭىدۇ. ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيە بىرىكىش نۇقتىسى، مەنپەئەت قوشۇلۇش نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېڭىچە سىياسىي پارتىيەلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش ئارقىلىق يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا كۈچ قوشۇش، پۈتۈن يەرشارىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق يەرشارىۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى داۋاملىق ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش داغدام يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئىستىقبالى ھامان پارلاق بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، خاسلىققا ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولىدىغان دەۋر دولقۇنى قىلىپ مۇجەسسەملەپ، تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا توختىماي دولقۇنلاپ ئىلگىرىلەش، مەڭگۈ داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى خالايدۇ!

جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ رامافۇسا، جەنۇبىي سۇدان سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ كىر، نىكاراگۇئا ساندىنو مىللىي ئازادلىق فىرونتىنىڭ باش شۇجىسى، زۇڭتۇڭ ئورتېگا، ۋېنېزۇئېلا بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىزم پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ مادۇرو، سېربىيە ئالغا پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ، موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى ئويۈن ئېردىنى، شەرقىي تېمور خەلق ئازادلىق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى رۇۋاك، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى پانگۇ پارتىيەسىنىڭ داھىيسى، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى ماراپى، گىرېنادا مىللىي دېموكراتىك كونگرېستلار پارتىيەسىنىڭ داھىيسى، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى مىچېل، رۇسىيە بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى گرىزلوۋ، قازاقىستان «ئامانات» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى قوشانوف، توگو جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئىتتىپاقىنىڭ باش خەزىنىچىسى، خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سېگان قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە قىزغىن ئاپىرىن ئوقۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان سىياسەت تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش توغرىسىدىكى تونۇشىنى سىستېمىلىق بايان قىلدى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۆز دۆلەت خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغان سەمىمىي ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت ئورتاق دۇچ كەلگەن خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىشتىكى سىياسىي جاسارىتى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلىرى بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش، مەدەنىيلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى سىياسىي پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش مۇساپىسىدە قول تۇتۇشۇپ بىللە مېڭىشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى، يىن لى، لى شۇلېي، چىن گاڭ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىدا «زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى: سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى» باش تېما قىلىندى، 150 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.