تيەنجوۋ 6-نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا توشۇپ كېلىندى   پىلان بويىچە بۇ يىل 5-ئايدا قويۇپ بېرىلىدۇ

日期:2023年03月16日
来源:新疆日报网
【字体:

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەسەۋۋۇردىن رېئاللىققا ئايلانغان. نۆۋەتتە، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بىرلەشمە گەۋدىسى ئوربىتىدا مۇقىم ئايلىنىۋاتقانشېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، پىلان بويىچە بۇ يىل 6-ئايدا يەر يۈزىگە قايتىپ كېلىدىكەن. ھازىر، قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن ئەمەلىي پايدىلىنىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەن.

2023-يىلىئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن ئەمەلىي پايدىلىنىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى باسقۇچىنىڭ باشلىنىش يىلى، ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىل تيەنجوۋ 6-نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى، شېنجوۋ 16-نومۇرلۇق، شېنجوۋ 17-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىشكە تەشكىللىنىدۇ، بۇ, جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇپ، ئەمەلىي پايدىلىنىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇچۇش ۋەزىپىسى. نۆۋەتتە، تيەنجوۋ 6-نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىشقا ئالاقىدار خىزمەتلىرىتاماملىنىپ، ئالەم كېمىسى ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا توشۇپ كېلىندى، پىلان بويىچە بۇ يىل 5-ئايدا قويۇپ بېرىلىدۇ. ئىككى قېتىم ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى تاللىنىپ بېكىتىلدى، ھازىر ۋەزىپە مەشىقى قىلىۋاتىدۇ.

دۆلىتىمىز تىنچ پايدىلىنىش، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش پىرىنسىپىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ چىقاردى. جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تاشقى بوشلۇق مەھكىمىسى بىرلىكتە تاللىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى تەجرىبە تۈرى بۇ يىلدىن باشلاپ داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، جۇڭگوئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا تەجرىبە تەتقىقاتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن ئەمەلىي پايدىلىنىش ۋە تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ۋەزىپىلەرنى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، قۇرۇلۇشمۇ ئاي شارىنىئادەملىك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا، نۆۋەتتە ئاي شارىنىئادەملىك تەكشۈرۈش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە لايىھەنى چوڭقۇر دەلىللەش تاماملاندى، بۇ يىل ئايغا چىقىش باسقۇچىدىكى تۈرلۈك تەتقىق قىلىپ ياساش قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ.

(مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى ۋاڭ گاڭ)