زۇڭلى لى چياڭ مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

日期:2023年03月15日
来源:新疆日报网
【字体:

3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يىغىن باياناتچىسى ۋاڭ چاۋنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن دىڭ شۆشياڭ، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، ليۇ گوجۇڭ قاتناشتى. سۈرەتتە: لى چياڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يىغىن باياناتچىسى ۋاڭ چاۋنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن دىڭ شۆشياڭ، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، ليۇ گوجۇڭ قاتناشتى.

مۇخبىرلار يىغىنى باشلانغاندا، لى چياڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن ھەرقايسى تاراتقۇلاردىكى دوستلار بىلەن بۇ يەردە كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، ئالدى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىمەن. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنگەنلىكىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى، بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنىمۇ چوڭقۇر بىلىمىز. بىز چوقۇم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەڭ خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، جاسارەتلىك - غايىلىك بولۇش روھىي ھالىتىمىز ۋە «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت ئېڭىمىز بىلەن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيمىز، پاك - دۇرۇس بولىمىز، بارلىقىمىزنى بېغىشلايمىز، بۇرچىمىزنى ئادا قىلىمىز.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مۇخبىرى: ئالدى بىلەن سىز ۋە تۆت مۇئاۋىن زۇڭلىنىڭ يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى كەلگۈسى بەش يىل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا نىسبەتەن قەدەم ئېلىش باشلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش نىشانى نېمە؟ خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى قايسىلار؟ خىزمەتلەر قانداق قانات يايدۇرۇلىدۇ؟

لى چياڭ: تەبرىكلىگىنىڭىزگە رەھمەت، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت.

بۇلتۇر 10 - ئايدا ئېچىلغان پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ۋە تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، كۆپچىلىك بىرقەدەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم، زور مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدىن ئېنىق جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى يولغا قويۇش خەرىتىسىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھەربىر قەدەمدە ئىز قالدۇرۇپ ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، مۇنداق بىرقانچە تەرەپنى نۇقتىلىق ئىگىلەيمىز:

بىرىنچى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمىز. تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى خەلققە بەخت يارىتىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.» بىز ھەرقانداق ۋاقىتتا جەزمەن خەلق ھۆكۈمىتى دېگەن سۆزنىڭ ئالدىدىكى «خەلق» دېگەن بۇ سۆزنى باشتن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ھەربىر ئەمەلىي ئىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز. ئوبيېكتىپ قىلىپ ئېيتقاندا، مۇتلەق كۆپ قىسىم پۇقرالار GDPنىڭ قانچىلىك ئاشقانلىقىغا كۈندە قاراپ تۇرمايدۇ، كۆپچىلىك تۇرالغۇ ئۆي، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم، مائارىپ، داۋالىنىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق ئەتراپىدىكى كونكرېت ئىشلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى پۇقرالارنىڭ ئەمەلىي تەسىراتىغا يېقىنلاشتۇرۇپ پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسى ھۆكۈمەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دېگەننى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ئىككىنچى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز. بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى مۇقىم ھالدا دۇنيا بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى، لېكىن تەرەققىيات يەنىلا تەڭپۇڭ ئەمەس، يېتەرلىك ئەمەس. ھەرقانداق بىر ئومۇمىي مىقدار كۆرسەتكۈچىنى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس تۈپ سانىغا چاچقاندا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە سەۋىيە بىرقەدەر چەكلىك بولىدۇ. ھازىر، بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز تېخىمۇ كۆپرەك ھالدا پەقەت «بار بولۇش - بولماسلىق» مەسىلىسىنىلا ھەل قىلىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە «ياخشى بولۇش - ياخشى بولماسلىق» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا، بولۇپمۇ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولىمىز.

ئۈچىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە، يەنىلا «ئىسلاھات تامىقىنى يېيىشىمىز، ئېچىۋېتىش يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك.» سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

ئامېرىكا ئىستېمالچىلار خەۋەرلىرى ۋە سودا قانىلى مۇخبىرى: بۇ يىل جۇڭگودا يۇقۇمنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى تۇنجى يىل، نۇرغۇن كىشى ئىقتىسادنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، جۇڭگو قانداق تەدبىر قوللىنىپ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؟ جۇڭگو ئىقتىسادى بۇ يىل ۋە كېيىنكى بەش يىلدا قانداق پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئامىللارغا دۇچ كېلىدۇ؟ كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو قانداق سىياسەت قوللىنىپ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىشنى قوللاشنى پىلانلىدى؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو قەرز، كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشى قاتارلىق سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى سىياسەتلەردە قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؟

لى چياڭ: بۇ مۇخبىر دوست پۇرسەتنى تۇتۇشقا ناھايىتى ماھىر ئىكەن، مەن خاتىرىلىۋالدىم، سىز بىراقلا تۆت مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز، بۇ ئالتە جەھەتتىكى مەزمۇنغا چېتىلىدۇ. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن، مەن پەقەت مۇھىملىرىنى تاللاپ جاۋاب بېرەلەيمەن.

بۇ يىل دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، مۇقىمسىز، ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش تەس ئامىللار بىرقەدەر كۆپ، قانداق قىلىپ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن بىر سىناق. بۇ يىل، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۆزلىمە ئېشىش نىشانى %5 ئەتراپىدا قىلىپ بېكىتىلدى، بۇنى بىز ھەرقايسى ئامىللارنى ھەر تەرەپلىمە ئويلاشقاندىن كېيىن بېكىتتۇق. ئەلۋەتتە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى 120 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، ئاساس سانى ناھايىتى يۇقىرى، بۇنىڭغا بۇ يىلقى ئاز بولمىغان يېڭى خىرىسنى قوشقاندا، %5 ئەتراپىدا ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاسانغا توختىمايدۇ، ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئالاقىدار كونكرېت سىياسەت - تەدبىرلەر بۇلتۇرقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئاساسىي يۆنىلىش مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. مۇقىم بولۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ ئىلگىرىلەشنىڭ ئاچقۇچى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش. كونكرېت ئېيتقاندا، مېنىڭچە بىرقانچە ئىشنى ئالاھىدە ياخشى قىلىشىمىز ياكى مۇنداق بىرقانچە يۈرۈش بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ: بىرىنچى، ماكرولۇق سىياسەت بىرىكمە مۇشتى، ئىككىنچى، ئېھتىياجنى كېڭەيتىش بىرىكمە مۇشتى، ئۈچىنچى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش بىرىكمە مۇشتى، تۆتىنچى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بىرىكمە مۇشتى. بۇ بىرىكمە مۇشتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كونكرېت ئىچكى خاس مەزمۇنى بار، بەزىلىرى يەنە ئەمەلىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىدۇ، تەڭشىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

بايا بۇ مۇخبىر دوست پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئامىللار مەسىلىسىنى سورىدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئەۋزەل شارائىت بار، مەسىلەن، بازار كۆلىمى غايەت زور، كەسىپ سىستېمىسى مۇكەممەل، ئادەم كۈچى بايلىقى مول، تەرەققىيات ئاساسى پۇختا قاتارلىقلار، تېخىمۇ مۇھىمى تۈزۈم ئەۋزەللىكى روشەن. قىيىنچىلىقنى تىلغا ئالساق، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ قىيىنچىلىقى بار، بۇ يىل بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىزمۇ ئاز بولمايدۇ، ئەمما، كۆپچىلىك ئويلاپ بېقىڭلار، قايسى ۋاقىتتا، قايسى يىلى قىيىنچىلىق بولمىغان؟ بىز ئەزەلدىن قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا يېڭى تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلدۇق. بىز بۇ بىر ئەۋلاد جۇڭگولۇقلار كىچىكىمىزدىن دايۈنىڭ سۇنى تىزگىنلىشى، يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى، جىڭۋېينىڭ دېڭىزنى تىندۇرۇشى، كۇافۇنىڭ قۇياشنى قوغلىشى قاتارلىق ھېكايىلەرنى ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، ھەممىسىدە قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماسلىق، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھى سۆزلەنگەن، بىز جۇڭگولۇقلارنى ھەرقانداق قىيىنچىلىق باش ئەگدۈرەلمەيدۇ.

يېقىنقى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىدە مۇقىم بولۇش ئاساسىدا قايتا ئۆرلەش ھالىتى كۆرۈلدى، بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ بۇ يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە بولغان كۆزلىمىسىنى ئۆستۈردى. مەن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىنى سەككىز خەتكە يىغىنچاقلىماقچى، ئۇ بولسىمۇ «دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش، كەلگۈسىمىز ئۈمىدكە تولغان.» بۇنىڭغا قارىتا تولۇق ئىشەنچىم بار.

شياڭگاڭ فېڭخۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، فېڭخۇاڭ تورى مۇخبىرى: بۇ بىرقانچە يىلدا، شياڭگاڭ پاراكەندىچىلىكتىن تىنچلىققا ئۆتۈشتەك تۈپ خاراكتېرلىك بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. شياڭگاڭ مۇقىم بولدى، تەرەققىيات مەسىلىسى يەنە ئالدىمىزغا قويۇلدى. دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىشكە ئەگىشىپ، بەزى ئوبزورلاردا ھازىر شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ رىقابەت كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى، دەپ قارالدى. سوراپ باقسام، سىز شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا قانداق قارايسىز؟ مەركىزىي ھۆكۈمەت كېيىنكى قەدەمدە يەنە قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ؟

لى چياڭ: مەركىزىي ھۆكۈمەت باشتىن - ئاخىر شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيان، دۆلەتنىڭ قوللىشىدا، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى، سودىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەركەزلىك ئورنى مۇستەھكەملەندى ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئاۋمېن ساياھەت - ئىستىراھەت مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنياغا داڭلىق.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى، لېكىن بۇلار ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق، تەرەققىيات داۋامىدىكى قىيىنچىلىق. مەركىزىي ھۆكۈمەت «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە سىڭىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ. ۋەتەن كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولغاچقا، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ تۈزۈم كاپالىتى بولغاچقا، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئورنى ۋە رولى كۈچىيىدۇكى، ئاجىزلاشمايدۇ. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى مۇخبىرى: سىز ئىلگىرى ۋېنجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، ۋېنجوۋ شەھىرى ھەمدە سىز كېيىن ۋەزىپە ئۆتىگەن جېجياڭ، جياڭسۇ ھەم شاڭخەينىڭ ھەممىسى جۇڭگودىكى پۇقراۋى ئىگىلىك ئىنتايىن تەرەققىي تاپقان جايلار، سىز پۇقراۋى ئىگىلىكنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشىنىسىز. سوراپ باقسام، سىزنىڭچە جۇڭگو يەنە قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇشى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشى كېرەك؟ يەنە قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر يېتەرلىك ئىشلەنمىدى، قايسى جەھەتلەردىن تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ؟

لى چياڭ: كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چوقۇم دىققەت قىلدى، بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىغاندا، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر بايان قىلدى، بۇ، قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلار بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندى، چوڭقۇر رىغبەتلەندى، ھەممەيلەن ناھايىتى روھلاندى.

مەن ئۇزاق مۇددەت پۇقراۋى ئىگىلىك بىرقەدەر تەرەققىي تاپقان جايلاردا خىزمەت قىلدىم، دائىم پۇقراۋى كارخانىچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىم بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات داۋامىدىكى ئارزۇسى ۋە ئەندىشىسىنى خېلى چۈشىنىمەن. بۇ يەردە مەن ئاساسلىقى مۇنداق بىرقانچە قاتلاملىق مەقسەتنى ئىپادىلىمەكچى:

بىرىنچى، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك» دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر، ئىلگىرى ئۆزگەرمىدى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. ھەقىقەتەن، بۇلتۇر بىر مەزگىل جەمئىيەتتە بىر قىسىم ناتوغرا مۇلاھىزىلەر پەيدا بولۇپ، بەزى پۇقراۋى كارخانىچىلارنى ئەندىشىگە سالدى. ئەمەلىيەتتە پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرى ئىزچىل ناھايىتى ئايدىڭ. بۇ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى، 20 - قۇرۇلتىيى ۋە بۇلتۇرقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ھەممىسىدە تەكىتلەندى. بۇنىڭغا نىسبەتەن بىزنىڭ بايرىقىمىز روشەن، قەتئىي تەۋرەنمەيمىز.

ئىككىنچى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، تەرەققىيات بوشلۇقى بارغانسېرى زورىيىدۇ. بىز يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە كارخانىچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللايمىز. تەرەققىيات بوشلۇقىدىن قارىغاندا، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدىكى بازار ئېھتىياجىغا ئىگە، يەنە نۇرغۇن يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يوللىرى ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، ھەممىسىگە غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى يوشۇرۇنغان. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ چوقۇم ناھايىتى ئىستىقبالى بار.

ئۈچىنچى، دەۋر كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنى يېڭى ئىگىلىك تىكلەش تارىخىنى پۈتۈشكە چاقىرماقتا. بۇمۇ مەن ئالاھىدە دېمەكچى بولغان بىر نۇقتا. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئۆزىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتى بار، شۇنداقلا ئوبيېكتىپ شارائىتقا تايىنىدۇ، لېكىن ناھايىتى كۈچلۈك سۇبيېكتلىق پائالىيەتچانلىققا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ قايتا ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەن ئەينى يىلى جېجياڭ قاتارلىق جايلار يەككە خۇسۇسىي ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا - بازار كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ياراتقان مىڭلىغان تاغ - دەريالارنى كېزىش، كۆڭۈلدىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىش، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى ئويلاش، مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرگە چىداشتىن ئىبارەت تۆت روھنى ئىختىيارسىز ئەسكە ئالدىم. گەرچە ھازىرقى ئىگىلىك تىكلەش ئەندىزىسى، ھالىتىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى چاغدىكىدەك جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدىغان ئىگىلىك تىكلەش روھىغا مەڭگۈ ئېھتىياجلىق. بىز ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پۇقراۋى كارخانىلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇلازىمەت قىلىپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان، كارخانىچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. مەن ئىشىنىمەنكى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلار چوقۇم تېخىمۇ شانلىق ئىگىلىك تىكلەش تارىخىنى پۈتۈپ چىقالايدۇ.

پېڭپەي خەۋەرلىرى مۇخبىرى: تورداشلار بىر قىسىم خەلق تۇرمۇشى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، ھۆكۈمەت قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرىدۇ؟ بۇلتۇر جۇڭگودا كۆپ يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان نوپۇس مەنپىي ئېشىش كۆرۈلدى، بۇ، نوپۇس پايدىسىنىڭ پات ئارىدا يوقىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ بۇ يىل پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتى ئېلان قىلىنامدۇ؟

لى چياڭ: مەن تورداشلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشنى ئىنتايىن خالايمەن، ۋاقتىم بولسىلا مەنمۇ تورغا چىقىپ، تورداشلارنىڭ نېمىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، قانداق ياخشى پىكىر - تەكلىپلىرى بارلىقىنى كۆرۈپ باقىمەن.

بايا سىز ئەمەلىيەتتە ئۈچ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز. بىرىنچى مەسىلە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى. ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئەڭ تۈپ بىر نۇقتا شۇكى، يەنىلا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىش كېرەك. كونكرېت خىزمەتلەردە، بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق سىياسەت مەدىتى سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللايمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز. بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ 11 مىليون 580 مىڭغا يېتىشى مۆلچەرلەندى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن قارىغاندا، بەلگىلىك بېسىم بار؛ ئەمما تەرەققىيات جەھەتتىن قارىغاندا، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ قوشۇلىدۇ. بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ياشلارنىڭ ئەمگەك ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز.

ئىككىنچى مەسىلە، نوپۇس مەنپىي ئېشىش مەسىلىسى. دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ ئېشىشى مۇسبەتتىن مەنپىيگە ئايلىنىپ، بەزىلەر نوپۇس پايدىسىنىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدى. مېنىڭچە ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. نوپۇس پايدىسىغا ھەم ئومۇمىي مىقدار جەھەتتىن قاراش، تېخىمۇ مۇھىمى سۈپەت جەھەتتىن قاراش كېرەك، ھەم نوپۇس جەھەتتىن قاراش، تېخىمۇ مۇھىمى ئىختىساسلىقلار جەھەتتىن قاراش كېرەك. دۆلىتىمىزدە 900 مىليونغا يېقىن ئەمگەك كۈچى بار، ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچى 15 مىليوندىن ئاشىدۇ، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ مول بولۇشى يەنىلا جۇڭگونىڭ گەۋدىلىك ئەۋزەللىكى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، دۆلىتىمىزدە ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغان نوپۇس 240 مىليوندىن ئېشىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىل چېكى 14 يىلغا يەتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىزنىڭ «نوپۇس پايدىمىز» يوقاپ كەتكىنى يوق، «ئىختىساسلىقلار پايدىسى» شەكىللىنىۋاتىدۇ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھېلىھەم كۈچلۈك. ئەلۋەتتە، بىز نوپۇس كۆپىيىش - ئازىيىش ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا يەنە چوڭقۇر ئانالىز قىلىشىمىز، ھۆكۈم قىلىشىمىز، پائال تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتى مەسىلىسىگە كەلسەك، بىز ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تولۇق دەلىللەپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا پۇختا يولغا قويىمىز.

ئۆزبېكسىتان خەلق مۇھاكىمە گېزىتى مۇخبىرى: خەلقئارادا بەزى كىشىلەر، باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىككى يىلدىن كۆپرەك قاتتىق تىزگىنلەش تەدبىرىنى يولغا قويدى، بۇنداق قىلىشنىڭ ھەقىقەتەن زۆرۈرىيىتى بارمۇ، دېگەن گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، كەلگۈسىدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان يېڭى بىر قېتىملىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو قانداق تەييارلىقلارنى قىلدى؟

لى چياڭ: يۇقۇم يۈزبەرگەن ئۈچ يىلدا، جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ھازىر مۇھىم، زور ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بىز باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە ئاساسەن ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشىدۇق. ۋىرۇسنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىش كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان باسقۇچتا، بىز «B تۈردىكى يۇقۇمنى A تۈر بويىچە باشقۇرۇش»نى كەسكىن يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدۇق، شۇنداقلا ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ياساش، ۋاكسىنا ئەملەشنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردۇق. ۋىرۇسنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بىز ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە قارىتا بىر قاتار ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەشنى يولغا قويۇپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا باسقۇچقا ئۆتۈپ، «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»نى يولغا قويدۇق. جۇڭگوغا ئوخشاش نوپۇسى كۆپ، تەرەققىياتى تەكشى بولمىغان چوڭ دۆلەت ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ تىنچ باسقۇچقا ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىنى بىرقەدەر تېز ئەسلىگە كەلتۈردى، بۇ ناھايىتى قالتىس ئىش. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تاكتىكا - تەدبىرلىرى تامامەن توغرا، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈنۈمى غايەت زور.

ئىنسانلارنىڭ ۋىرۇس بىلەن بولغان كۈرىشى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي جەريان. ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تارقىلىش خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت، بىز ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلىپ، ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن سىگنال بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز ھەم ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ياساشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئورتاق قوغدايمىز.

تەيۋەن بىرلەشمە گېزىتى مۇخبىرى: چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا باشتىن - ئاخىر غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى، ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، بەخت يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە ئەلالاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىككى قىرغاقتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ھەممىسى ئىككى قىرغاق ئارىسىدىكى نورمال ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنىڭ تېزدىن ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سوراپ باقسام، چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ھەمدە خادىملار ئالاقىسىگە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە قانداق پىلانى بار؟

لى چياڭ: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر ئائىلە كىشىلىرى، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن، سۆڭەك سۇنسىمۇ پەي تۇتىشىپ تۇرىدۇ. بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش» ئاساسىدا، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرىنى چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىش، كېلىشنى خالاپلا قالماي سىڭىشىش، ياخشى تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

ھازىر، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ نورمال ئالاقىسىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دائىملىق ھەمكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

خەلق گېزىتى مۇخبىرى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا. سوراپ باقسام، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا قايسى جەھەتلەردىن ئويلاشتى؟ جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا قانداق تەدبىرلەر بار؟

لى چياڭ: جۇڭگو يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى، ھازىر يەنە يېزىلاردا دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇس 500 مىليونغا يېقىن. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بولمىسا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشمۇ ئومۇميۈزلۈك بولمايدۇ. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ھازىر بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئېلىپ ئېيتساق، كېيىنكى قەدەمدىكى كونكرېت خىزمەتلەردە ئۈچ ئاچقۇچلۇق سۆزنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم: بىرىنچى، ئومۇميۈزلۈك بولۇش. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى، ئېكولوگىيە قىممىتى، ئىجتىمائىي قىممىتى، مەدەنىيەت قىممىتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، خاسلىقى بولۇش. جۇڭگونىڭ زېمىنى كەڭ، «ئوخشاش بولمىغان جايلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ئوخشاش ئەمەس»، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاسلىققا ئىگە يېزا - كەنت قىياپىتىنى بەرپا قىلىپ، رايون مەدەنىيىتى، يۇرت مەدەنىيىتىنى ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك، ھەممە كەنتنىڭ قىياپىتى بىر خىل بولۇپ قالسا بولمايدۇ. ئۈچىنچى، ئىسلاھ قىلىش. يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، كەڭ دېھقانلار يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاساسىي گەۋدە، جەزمەن ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئۇلارنى ئىسلاھاتقا پائال قاتناشتۇرۇش ھەم ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

بايا سىز يەنە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى تىلغا ئالدىڭىز. دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا سەككىز يىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن ئاشتى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە، بىز تېرىلغۇ يەر ۋە ئۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت «ئىككى تەرەپكە تەڭ كۈچەش»نى تۇتۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. مەن بۇ يەردە دېھقان دوستلارغا شۇنى ئالاھىدە ئېيتماقچىمەنكى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللايدىغان بارلىق سىياسەتلىرى پەقەت كۆپىيىدۇكى، ئازايمايدۇ، كۆپچىلىكنى كۆپرەك ئاشلىق تېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

جۇڭگو ئەرەب سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى: ھازىر، جۇغراپىيەلىك سىياسىي سۈركىلىش ۋە يەر شارىۋىسىزلاشتۇرۇش كۈچىيىۋاتىدۇ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە جىددىي قارشىلىش يۈز بېرىۋاتىدۇ، گەرچە جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىشنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن چەت ئەل مەبلىغى، چەت ئەل كارخانىلىرى يەنىلا خاتىرجەم تىجارەت قىلالمايۋاتىدۇ، بەزىلىرى چېكىنىشنى ئويلىشىشقا باشلىدى. سوراپ باقسام، جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ؟ سىز ھازىرقى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەم ئۇنىڭ ياخشىلىنىش ئىستىقبالىغا قانداق قارايسىز؟

لى چياڭ: بۇ يىل جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇردى، شۇنداقلا دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى. مەن ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى يەنىلا جۇڭگودىكى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋار قارايدۇ، بۇلتۇر، جۇڭگو ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەت ئەل مەبلىغى 189 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، تارىختا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىپ، ئۈچ يىل ئىلگىرىكىدىن 50 مىليارد دوللارغا يېقىن ئاشتى. بۇ، جۇڭگونىڭ يەنىلا يەر شارىۋى مەبلەغ سېلىش ئېگىزلىكى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

سىرتقا ئېچىۋېتىش بىزنىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتىمىز، تاشقى ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئۇنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىمىز. مەن بۇ يەردە جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى توغرىسىدا ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتمەكچى، بۇ، جۇڭگونىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۇنياغا بازارنى ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىرى بولۇپ، ئۇدا بەش نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى، يۇقۇم مەزگىلىدىمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىدى، بۇلتۇر 127 دۆلەت ۋە رايوندىكى 2800دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى. ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو چوڭ بازىرىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى چوڭ پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

بۇ يىل بىز يەنە يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە ئۇدۇللىشىپ، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، مۇلازىمىتى بارغانسېرى ئەلالىشىدۇ. ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو كۆپچىلىكنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ.

جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار كونكرېت مەسىلىلەر توغرىسىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىن گاڭ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا ئىزاھات بەرگەنىدى، مەن ئەمدى بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمەن. ھازىرقى مۇھىم ئىش رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن بۇلتۇر 11 - ئايدا ئۇچراشقاندا ھاسىل قىلغان بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ئەمەلىي سىياسەت ۋە كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

مەن بىلىمەن، بۇ بىر نەچچە يىلدا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئىككى دۆلەت «مۇناسىۋەتنى ئۈزىدۇ» دېگەن سەپسەتىنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلدى، بۇ بەزىدە تېخى ناھايىتى ئەۋجىگە چىقتى، لېكىن مەن زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بۇ خىل كۆپتۈرۈشتىن ھەقىقىي نەپكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر جۇڭگو - ئامېرىكا سودا سوممىسى 760 مىليارد دوللارغا يېقىن بولۇپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەر ئىككىلىسى بىر - بىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ. مەن بۇلتۇر كۆپ قىسىم ۋاقىتتا شاڭخەيدە خىزمەت قىلدىم، ئامېرىكا مەبلىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەل كارخانىلىرىدىكى نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇلار ماڭا شاڭخەيگە ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى، جۇڭگوغا ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى، ھەمكارلىق داۋامىدا تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلاشسا بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. قورشاپ توسۇش، بېسىشنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئۈمىد كۈتۈۋاتىدۇ، بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى، خىزمەت ئىستىلىغا قارىتا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. سوراپ باقسام، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە قانداق ئويلىغانلىرى بار؟

لى چياڭ: ھەقىقەتەن سىز ئېيتقاندەك، يېڭى بۇرچ، ۋەزىپە بىزگە يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى پۇرسەت بىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىلىنى ياخشىلىماقچى. تۆت ئىشنى گەۋدىلىك تۇتىمىز:

بىرىنچى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرىمىز. يېقىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى: گوۋۇيۈەن باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇشى كېرەك، دەپ ئېنىق تەلەپنى قويدى. مەن ئۇزاق مەزگىل يەرلىكتە خىزمەت قىلىپ بىر ئىشنى ئىنتايىن چوڭقۇر ھېس قىلدىم: ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ يولۇققانلارنىڭ ھەممىسى مەسىلە، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى چارە ئىكەن. قابىللار خەلق ئارىسىدا. بىز ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ بىرىنچى سەپكە كۆپرەك بېرىپ، خەلقتىن ھال - ئەھۋال سوراپ، خەلقتىن تەدبىر سوراپ، خەلق ئاممىسىدىن ئۆگىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ئۇزاق مۇددەت چوڭ ئورگانلاردا خىزمەت قىلغان ياش يولداشلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چىن قەلبىدىن چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ يېقىنلىشىشى كېرەك.

ئىككىنچى، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. ھۆكۈمەت خىزمىتى چوقۇم قانۇن رامكىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى، بارلىق مەمۇرىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قانۇن ئاساسى بولۇشى كېرەك. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئىجادىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە مەمۇرلاردا مۇلازىمەت ئېڭى، تەرەققىيات ئېڭى بولۇشى كېرەك، بولۇپمۇ تەستىقلاش، باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلغاندا، تورمۇزنى دەسسەپلا ماي تەپكىسىنى دەسسىمىسە بولمايدۇ؛ يول توسۇقى قويۇپلا، يول بەلگىسى ئورناتمىسا بولمايدۇ؛ ھەرقانداق ئىشتا «قىلىش كېرەكمۇ - يوق» دېگەن قىممەت ھۆكۈمىنى كۆپرەك چىقىرىش كېرەك، ئاددىي ھالدا «قىلغىلى بولامدۇ - يوق» دېگەن تېخنىكىلىق ھۆكۈمنى چىقىرىشقا بولمايدۇ. بارلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىجادچان ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك.

تۆتىنچى، پاكلىق تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلايمىز. بىز پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى باشتىن ئاخىر قاتتىق ئۆلچەم، قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق ياخشى تۇتىمىز، بارلىق چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي يول قويمايمىز. ھەربىر ھۆكۈمەت خىزمەتچى خادىمى نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

مۇخبىرلار يىغىنى خەلق سارىيىنىڭ 3 - قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالدا ئۆتكۈزۈلدى، تەخمىنەن 80 مىنۇت داۋاملاشتى، زىيارەت قىلىشقا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىدىن تەخمىنەن 500 كىشى قاتناشتى.