14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى

日期:2023年03月15日
来源:新疆日报网
【字体:

(2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى، مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تەكلىپكە قوشۇلدى، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 -، 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تولۇق ئادا قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي، مۇكەممەل، بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەمۇرىي ئورگان، رېۋىزىيە ئورگىنى، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)