يېڭى مۇساپىدە غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، گۈللىنىشكە قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيلى

日期:2023年03月15日
来源:新疆日报网
【字体:

− 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

□ خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

ھەيۋەتلىك شەرق شامىلى چىقىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش؛ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ، يەلكەن چىقىرىش. 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدى، يىغىننىڭ تۈرلۈك نەتىجىلىرى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ بىرلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

بۇ قېتىمقى يىغىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىلدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن، دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق يىغىن بولدى. يىغىندا، ئۆتكەن بەش يىلدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، ۋەكىللەر بىردەك، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارىدى. يىغىندا سايلاپ چىقىلغان ۋە قارار قىلىنغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالاشقان، ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا تۈرلۈك مۇھىم دوكلاتلار قاراپ چىقىلدى ۋە تەستىقلاندى، ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى نامايان قىلىنغان، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسىي كۆزلىمە نىشانى ۋە خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. يىغىندا قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا قاراپ چىقىپ تەستىقلانغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىدە، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، ياشانغانلار خىزمىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش نۇقتىلىق كۈچەيتىلگەن بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى تارىخىي يوسۇندا بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى.» يېپىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتى ۋە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك» دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى، «بىز پەيتنى قولدىن بەرمەي، تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچ قوشۇپ، شان - شەرەپ كەلتۈرۈشىمىز كېرەك!» دەپ تەكىتلىدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇلغان، تارىخ ئىشەنچى چىڭىتىلغان، بۇرچ - مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ مۇقەررەركى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

تۈزۈم مۇقىم بولسا دۆلەت مۇقىم بولىدۇ، تۈزۈم كۈچلۈك بولسا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىكى تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ياخشى تۈزۈم. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە بىز خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈملۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، داۋاملىق خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىغا مەھكەم تۇتقۇزۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا دۇچ كەلدى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان بىر تۈرلۈك ئىجادىي ئىش بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش تەس بولغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا، جاپا - مۇشەققەت، توسالغۇلارغا، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئىتتىپاقلىق − كۈچ، كۈرەش قىلىش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتىدا يۈزبەرگەن چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئالدىدا بىز ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىكنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى تۇتۇپ، خىرىسقا سالماق تاقابىل تۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە توسالغۇلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەلگىلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، سالماق، تەمكىن بولۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

بۇ يىل 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تۇنجى يىل. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى يېڭى دەۋر خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يۈكلىگەن تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەتلىك - غايىلىك بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايدۇ.

غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، گۈللىنىشكە قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيلى. بۈگۈنكى كۈندە، يۈز مىليونلىغان خەلق يۈكسەك جاسارەت بىلەن، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)