«دەۋر مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتايلى − يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە»

日期:2023年03月15日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«دەۋر مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتايلى − يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى «دەۋر مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتايلى − يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: مۇشۇ دەقىقىدە، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، دۆلەتنىڭ ئىرادىسى، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسى بۇ يەردە زىچ گىرەلىشىپ كەتتى −

2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ، خەلق سارىيى.

تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلاندى! سائەت 11لەردە، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان 2900دىن ئارتۇق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى نامسىز بېلەت تاشلاش شەكلى ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىنى داۋاملىق ئۆتەشكە سايلىدى.

بارلىق ۋەكىللەر ئورنىدىن تۇردى، گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالدا ياڭرىدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ، پارتىيە رايى، خەلقنىڭ رايى، خەلق ئاممىسىنىڭ مايىللىقى!

بۇ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ يېڭى دەۋردىكى يول باشلىغۇچىنى قەتئىي ھىمايە قىلغانلىقى ۋە چىن قەلبىدىن بىلدۈرگەن ھۆرمىتى!

بۇ، يېڭى غەلىبە ۋە شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئورتاق ئىرادە ۋە قىزغىن ئۈمىد!

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر، ئەزالار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ داۋاملىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇپ، كۆپ ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيەتتە بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقلاردا ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزگەچكە، بىز چوقۇم مەردانە قەدەم تاشلاپ، يۈكسەك جاسارەت بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يۈرۈش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ يارقىن شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقالايمىز!

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، يىغىندا سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە تەيىنلەشنى قارار قىلىش ئارقىلىق، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىرى كەينى - كەينىدىن بارلىققا كېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن كادىرلار ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ ئەندىزىسى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يول باشلاش − پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. بۇ ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەيسەر، ئىتتىپاق، كۈچلۈك بولغان رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى سايلاپ چىقىش كېرەك؛ پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، تالانتلىقلارنى توپلاش − مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئارزۇسىنى قەلبكە پۈكۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرى نامزاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ ئىلمىي، دېموكراتىك بولۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش − پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بىلەن دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا كادىرلار ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تولۇق پىكىرلىشىپ كېڭىشىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىنىپ، نامزاتلار لايىھەسى پۇختا خەلق رايى ئاساسىغا ئىگە قىلىندى؛ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىش − يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرىنىڭ ساپاسى يۇقىرى، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئوبرازى ياخشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، مۇقەددەس ھەم شەرەپلىك تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، جەزمەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى شانلىق سەھىپىنى پۈتۈپ چىقالايدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، بىر نىيەتتە يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، يېڭى مۇساپىدە مەردانە ھالدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جەزمەن يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتالايدۇ!