شى جىنپىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى 7 ـ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى

日期:2023年01月28日
来源:天山网
【字体:

1 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى 7 ـ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلدى. لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ئارگېنتىنانىڭ زۇڭتۇڭى فېرناندېسنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى تېلېگراممىسى1 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى 7 ـ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلدى. لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ئارگېنتىنانىڭ زۇڭتۇڭى فېرناندېسنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى ۋە تۆھپىكارى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى يەرشارىۋى جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلىنىپ، رايون تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئىزچىل قوللاپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ھەمراھى دەپ قارايدۇ. دەل مۇشۇنداق ئەسلىي مەقسەت بويىچە، جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى قۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئوچۇق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى. تېخىمۇ كۆپ رايون دۆلەتلىرى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى قوللاپ ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، پەقەت ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەندىلا ئاندىن خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرغىلى، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭگىلى بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى بىلەن داۋاملىق ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.