يېزا رايونلىرىدا قانداق قىلغاندا «ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش، كېسەل ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن كەنتلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؟

日期:2023年02月02日
来源:新疆日报网
【字体:

− «يېزا ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ داۋالاش بويىچە ساغلاملىق تەربىيەسى قوللانمىسى»دىن ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى مۇھىم نۇقتىلارغا نەزەر

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خېڭ

يېزا رايونلىرى يەنىلا ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى ئەڭ مۇھىم رايون. يېزا رايونلىرىدا قانداق قىلغاندا «ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش، كېسەل ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ ئىزچىل يېزىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كىشىلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنامدۇ ـ يوق؟ نېمە ئۈچۈن كەنتلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؟ يېقىندا ئېلان قىلىنغان «يېزا ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ داۋالاش بويىچە ساغلاملىق تەربىيەسى قوللانمىسى»دا يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە قارىتا كەسپىي جەھەتتىن جاۋاب بېرىلدى.

بۇ قوللانمىنى دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى ئاساسىي قاتلام سەھىيە ـ ساغلاملىق مەھكىمىسى، دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى تەشۋىقات مەھكىمىسى يېزىشقا تەشكىللىگەن، جۇڭگو ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزى تۈزگەن.

1 ـ سوئال: يېزا رايونلىرىدا قانداق قىلغاندا «ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش، كېسەل ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

جاۋاب: دۆلىتىمىز يېزىلىرىنىڭ يېرى كەڭ، نوپۇسى كۆپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان داۋالىنىش بايلىقى نىسبەتەن يېتەرسىز. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار «ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش، كېسەل ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نىشانىنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى باشقۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، داۋالاش ـ قۇتقۇزۇشتا «ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەش»نى ئىشقا ئاشۇردى، بۇنىڭ يادروسى «بالدۇر بايقاش، بالدۇر پەرقلەندۈرۈش، بالدۇر تۇتۇش قىلىش، بالدۇر يۆتكەپ داۋالاش»تىن ئىبارەت.

«بالدۇر بايقاش» ئاساسلىقى 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار، ھامىلىدار ـ تۇغۇتلۇق ئاياللار، بالىلار، مېيىپلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا بىرگە بىر ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىشنى يولغا قويۇپ، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئالاقىلىشىپ مۇلازىمەت قىلىش، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش، ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

«بالدۇر پەرقلەندۈرۈش» − نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا بولغان ساغلاملىقنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان بەزى ئەھۋاللارغا قارىتا، يەنى بەزى ئاساسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ كېسەلنىڭ ئېغىرلاپ كېتىش خەۋپىنىڭ بىخ ۋە خاھىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش، ۋاقتىدا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە يۆتكەپ داۋالاشنى كۆرسىتىدۇ.

«بالدۇر تۇتۇش قىلىش» − ئاساسىي قاتلامغا زۆرۈر بولغان ئوكسىگېن بىلەن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش، مەسىلەن، ئوكسىگېن خالتىسى، ئوكسىگېندان، ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى سەپلەش، يەنە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئوكسىگېننى تەكشۈرۈش ئەسۋابى سەپلەپ قاندىكى ئوكسىگېننى كۆزىتىپ ئۆلچەش، بىنورمال ئەھۋال بايقالسا، تېزدىن ئوكسىگېن سۈمۈرتۈش ۋە مۇناسىپ دورا بىلەن داۋالاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ۋاقتىدا يۆتكەپ داۋالاشنى كۆرسىتىدۇ.

«بالدۇر يۆتكەپ داۋالاش» − يۆتكەپ داۋالاشقا تېگىشلىك ئاغرىقلار بايقالسا، ۋاقتىدا يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەپ داۋالاشنى كۆرسىتىدۇ.

2 ـ سوئال: ئىزچىل يېزىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كىشىلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنامدۇ ـ يوق؟

جاۋاب: كىشىلەر توپى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ئومىكېروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپىنىڭ تارقىلىش كۈچى كۈچلۈك، تارقىلىش سۈرئىتى تېز. باھار بايرىمى، بايرام ئۆتكۈزۈش مەزگىلىدە ۋە بۇنىڭ ئالدى ـ كەينىدە كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى ئاشىدۇ، يۇرتىغا قايتىدىغانلار كۆپىيىدۇ، يەنە نۇرغۇن ساياھەتچى كېلىپ ـ كېتىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بايراملىق كۆڭۈل ئېچىش، توپلىشىپ غىزالىنىش ـ يىغىلىش، ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىنى يوقلاش قاتارلىق كىشىلىك ئالاقە پائالىيەتلىرى قوشۇلسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

3 ـ سوئال: بازارغا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا ياكى تاللا بازىرىغا بارغاندا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: بازارغا ياكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، تاللا بازىرىغا بارغاندا، پۈتۈن جەرياندا ماسكا تاقاش، يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە باشقىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ھەم ماسكىنى ئېلىۋەتمەسلىك، خالىغان يەرگە تۈكۈرمەسلىك كېرەك. تاۋار تاللىغاندا ياكى ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ھېسابات قىلغاندا باشقىلار بىلەن بىر مېتىردىن ئارتۇق ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاش كېرەك. قول تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ۋە بۇيۇملار بىلەن ئىمكانقەدەر ئاز ئۇچرىشىش كېرەك. قولنى ۋاقتىدا يۇيۇش ياكى قولنى دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش، پاكىز بولمىغان قول بىلەن ئېغىز، كۆز، بۇرۇننى تۇتماسلىق كېرەك. تور ۋە تور سىرتىدا بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇسۇلدا مال سېتىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، توردا سېتىۋېلىش، ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش، ئۇچراشماي سودىلىشىش قاتارلىق قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھام بېرىش كېرەك.

4 ـ سوئال: نېمە ئۈچۈن كەنتلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؟ ئۆيدە تۇرۇبا سۈيى بولمىسا قولنى قانداق يۇيۇش كېرەك؟ يۇرتداشلار قانداق شەكىلدە ئۆزئارا ياردەم بېرىشى كېرەك؟

جاۋاب: كەنتلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقى ساغلاملىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قالايمىقان ئەخلەت تاشلاش، قالايمىقان يۇندى تۆكۈش، قالايمىقان ئوتۇن دۆۋىلەش، ئۆي قۇشلىرى، چارۋىلارنى تارقاق بېقىش كەنت قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تارقىلىشىغا شارائىت يارىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. مۇھىت تۈزەشنى ياخشى ئىشلەش، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ تاشلاش، كۈندىلىك ئەخلەتنى كۈندە تازىلاش، ئەخلەت، يۇندىنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش؛ ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى ياخشى قوغداش، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېرىقى، سېسىق سۇ كۆلچىكىنى تۈزەش؛ ئۆي قۇشلىرىنى كاتەكتە، ئۆي چارۋىلىرىنى قوتاندا بېقىش، ھەربىر ئائىلە، ھەربىر ئاھالە ھويلا ـ ئاران ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى پاكىز، رەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئەگەر ئۆيدە تۇرۇبا سۈيى ياكى باشقا ئېقىپ تۇرىدىغان پاكىز سۇ مەنبەسى بولمىسا، باشقىلارنى داس، چۆمۈچ، چۆگۈن قاتارلىقلارغا سۇ قاچىلاپ، قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، قۇيۇپ بەرگەن سۇ بىلەن قولىنى يۇيسا بولىدۇ.

شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، قولۇم ـ قوشنىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش، ئۇلارنى يوقلاش، ئېھتىياجلىق يۇرتداشلارنى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، جىددىي دوختۇرخانىغا ئاپىرىش قاتارلىق ئىشلاردا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەش، ئارتۇق داۋالاش دورىلىرى، ماسكا، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى جىددىي ئېھتىياجلىق يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىش كېرەك.

5 ـ سوئال: توي ـ تۆكۈن، نەزىر ـ چىراغ ئىشلىرىنى داۋاملىق ئاددىي ئۆتكۈزۈش كېرەكمۇ؟ ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلەرنى يوقلىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: توي ـ تۆكۈن، نەزىر ـ چىراغ ئىشلىرىنى ئىمكانقەدەر ئاددىي ئۆتكۈزۈش، كۆلىمىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىپ، ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. يۇقۇم ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر بولغاندا، شۇ جاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بەلگىلىمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، توپلىشىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى ئازايتىش كېرەك.

چوڭ كۆلەمدىكى ئائىلە يىغىلىشى پائالىيەتلىرىنى ئامال بار ئۆتكۈزمەسلىك، ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلەر توپلىشىپ غىزالىنىش، يىغىلىش كۆلىمى، ئادەم سانىنى ئازايتىش، يىغىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش كېرەك. تېلېفون، توردا ئەھۋال سوراشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلەرنى يوقلىغاندا شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش، ماسكا تاقاش، قول تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)