بەش جاي دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

日期:2023年02月02日
来源:新疆日报网
【字体:

يېقىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش رايونىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى:

«دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش رايونىنى باشقۇرۇش چارىسى»(مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ 1-نومۇرلۇق پەرمانى)گە ئاساسەن، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش ۋە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتكەن دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تەجرىبە رايونى دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش رايونى قىلىپ رەسمىي ئېلان قىلىندى، ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:

چياۋدۇڭنەن مىللەتلەر مەدەنىيەتئېكولوگىيەسىنى قوغداش رايونى

كېجيا مەدەنىيەت (مېيجوۋ) ئېكولوگىيەسىنى قوغداش رايونى

دالى مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش رايونى

شىمالىي شەنشى مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش رايونى (شەنشى شەھىرى يۈلىن شەھىرى)

جىنجۇڭ مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش رايونى (سەنشى ئۆلكىسى جىنجۇڭ شەھىرى)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى