شىنجاڭ تۆمۈريولى تەۋرىنىش سېزىمى كۆرۈلگەن رايون بۆلىكىدىكى نۇرغۇن يولۇچىلار پويىزىنى توختاتتى

日期:2023年01月31日
来源:新疆日报网
【字体:

  1- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 7دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە 6.1 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى دەرھال جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش دەسلەپكى لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يانتاققۇدۇقتىن قارايۇلغۇنغىچە بولغان ئارىلىقتىكى لىنىيەسىنى قامال قىلىپ، تەۋرىنىش سېزىمى كۆرۈلگەن رايون بۆلىكىدە قاتناۋاتقان يولۇچىلار پويىزلىرىنى جىددىي توختاتتى. ھازىرغىچە، تەۋرىنىش تەسىرىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار پويىزلىرى قەشقەر- شىئەن T270 قېتىملىق، خوتەن- ئۈرۈمچى 7558 قېتىملىق، خوتەن- ئۈرۈمچى Y964 قېتىملىق، خوتەن- ئۈرۈمچى K6738 قېتىملىق، شىئەن- قەشقەر T269 قېتىملىق، ئۈرۈمچى- تۇمشۇق K9776 قېتىملىق، ئۈرۈمچى- ئارال K9782 قېتىملىق، چېڭدۇ- قەشقەر K452 قېتىملىقتىن ئىبارەت. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كەڭ يولۇچىلارغا 12306 تۆمۈريول يولۇچىلار مۇلازىمەت سۇپىسى ياكى «شىنجاڭ تۆمۈريولى» ئورگان تەرەپ ۋېيبوسى، ۋېيشىن، ۋوگزال ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانى، رادىيو، ئۇقتۇرۇشلارغا دىققەت قىلىش ئارقىلىق پويىزلارنىڭ يۈرۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، مۇساپىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەسكەرتىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋېيبوسى