دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالايدىغان ئىككى خىل دورىنىڭ بازارغا سېلىنىشىنى قوشۇمچە شەرت بىلەن تەستىقلىدى

日期:2023年01月31日
来源:新疆日报网
【字体:

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر دەي شياۋخې) يېقىندا، دۆلەت دورا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى دورىلارنى ئالاھىدە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى بويىچە، جىددىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئېلىپ بېرىپ، خەينەن شيەنشېڭ دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى ئىلتىماس قىلغان بىرتۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىلغان دورا شيەننوتېۋېي تابلىتى/لىتوناۋېي تابلىتى بىرىكمە ئورالمىسى، شاڭخەي ۋاڭشى بىيوتېببىي دورا پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىلتىماس قىلغان بىرتۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىلغان دورا گېدروبرومىد دېيتېرىي رۈيمىدېۋېي تابلىتىنى بازارغا سېلىشنى قوشۇمچە شەرت بىلەن تەستىقلىدى.

  يۇقىرىقى ئىككى خىل دورا ئوخشاشلا ئىچىدىغان كىچىك مولېكۇلىلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالايدىغان دورا بولۇپ، يېنىك، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان قۇرامىغا يەتكەن ئاغرىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئاغرىق چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا چۈشەندۈرۈشىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا دورا ئىشلىتىشى كېرەك. دۆلەت دورا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى بازارغا سېلىش ئىجازىتى بارلارنىڭ ئالاقىدار تەتقىقات خىزمەتلىرىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، قوشۇمچە شەرت تەلىپىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تاماملاپ، كېيىنكى تەتقىقات نەتىجىسىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

مەنبە: شىنخۇائاگېنتلىقى تورى