باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى ئۈچ كۈنىدە مەملىكەت بويىچە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇقى تەكشۈرۈپ چىقىلدى

日期:2023年01月29日
来源:新疆日报网
【字体:

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىررېن چىنچىنخەۋەر قىلىدۇ) باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرنى يوقلاش، ئوپچە تاماق يېيىش، يىغىلىش كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ئاپتوموبىل ھەيدەش خەۋپ-خەتىرى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى. مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 24-كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالى، ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر كۈنى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرگەن. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى ئۈچ كۈنىدە، مەملىكەت بويىچە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان.

  بۇلتۇر باھار بايرىملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۈزبەرگەن بىر قېتىمدا ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن بىرقەدەر چوڭ يول قاتناش ھادىسىسىدە، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن كېلىپ چىققان ھادىسە يېرىمىنى ئىگىلىگەن. بۇ يىل باھار بايرىمىنىڭ تۇنجى كۈنىدە، ئەنخۇي ئۆلكىسى ليۇئەن شەھىرى خۇچيۇ ناھىيەسىدە بىر كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل يول بويىدىكى پىيادىلەرگە سوقۇلۇپ، ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق شوپۇرنىڭ مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىكى، ھەر 100 مىللىلېتىر قېنى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ 187 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەس، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ جەم بولۇشىمۇ ئاسان ئەمەس، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش سەۋەبىدىن ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كەڭ شوپۇرلارئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ھاراق ئىچمەسلىكنى، ھاراق ئىچكەندە ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىكنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ ساقلىشى كېرەك. ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرنىڭمۇ ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئەسكەرتىپ، خۇشال-خۇرام جەم بولۇپ، تىنچ-ئامان ئۆيىگە قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى