​پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختاتماي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2023年01月17日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

​پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختاتماي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

​لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى، لى شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى ۋە ساغلاملىقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسى، مەڭگۈلۈك تېمىسى قىلىپ، باشتىن - ئاخىر مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاتاكا سىگنالىنى مەڭگۈ ياڭرىتىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق بولۇش تەدبىرى، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلىمە قويۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت قويۇق كەيپىيات ۋە جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كېرەك، پارتىيە گۈللەنگەندىلا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىغا كىرگۈزۈپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاپ، كۈچلۈك دورا بېرىپ كېسەلنى داۋالاپ، قاتتىق جازالاپ قالايمىقانچىلىقنى تۈزەپ، پارتىيەنى ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش سەگەكلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى ھەر ۋاقىت ساقلاش كېرەك. قانداق قىلىپ باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، قانداق قىلىپ باشتىن - ئاخىر ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قانداق قىلىپ باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ھازىرلاش، قانداق قىلىپ باشتىن - ئاخىر ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتىنى ساقلاش، قانداق قىلىپ باشتىن - ئاخىر ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ھەل قىلىش، قانداق قىلىپ باشتىن - ئاخىر ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساقلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ بۇ چوڭ پارتىيەمىز جەزمەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك خاس قىيىن مەسىلىلەر. بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر ئۆتكەل، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتا جەزمەن يېڭىشكە تېگىشلىك قاتتىق قىيىنچىلىق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش بىر تۈرلۈك پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرىگە، ئىجادچانلىققا ئىگە خىزمەت. يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا، پارتىيەمىز ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىقتىدارى مۇكەممەل، ئىلمىي ۋە قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ھەرىكەت ھالىتىدىكى سىستېما بولۇشى كېرەك. بۇ سىستېمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلىرىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇپ توپلاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ماسلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش، تۈزۈلمە - مېخانىزمنىڭ تاكامۇللىشىشى، مۇكەممەللىشىشى ۋە قانۇن - نىزام، تۈزۈملەرنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش، ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، سىستېما قارىشى، دىيالېكتىك تەپەككۇردىن پايدىلىنىپ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. مەزمۇن جەھەتتە تولۇق ئۆز ئىچىگە ئېلىش، ئوبيېكت جەھەتتە تولۇق قاپلاش، مەسئۇلىيەت جەھەتتە تولۇق زەنجىرلىك بولۇش، تۈزۈم جەھەتتە تولۇق تۇتاشقان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە دەۋر خاراكتېرىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈش، قانۇنىيەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەش، ئىجادچانلىقنى تېخىمۇ ياخشى بېيىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي نازارەتچىلىك پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان كۈچلۈك تەدبىر، ئۇنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تارماق، كەسىپ، ساھەلەرنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەرپا قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن - ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكى، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرگەن - ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىگە قاراش؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىلىق ۋەزىپە، نۇقتىلىق تەدبىر، مۇھىم سىياسەت، مۇھىم تەلەپلەرنى قانداق ئىزچىللاشتۇرغانلىقىغا قاراش؛ ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىغا تەۋە ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان - ئالمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. قىل دېگەننى قىلماسلىق، قىلما دېگەننى قىلىش، تاللاپ قىلىش، ئۆزگەرتىپ قىلىش، يېرىم - يارتا قىلىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئېتىبار بەرمەسلىك، تارماق ۋە يەرلىك قورۇقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىش، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئادەتتىكىچە، يۈزەكى بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا، دەل جايىدا بايقاپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى توسۇق نۇقتا، تىنما نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى ھەقىقىي راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولغان كۈندىلىك نازارەتچىلىك ئارقىلىق تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش − پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى گېپىدە تۇرۇپ ئاممىنى قايىل قىلىش تەدبىرى بولۇپ، جەزمەن دائىم بوشاشماي تۇتۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تاكى ھەقىقىي تۈردە كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېڭى كەيپىيات يارىتىشقا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىكنى تۈزەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ رايون خاراكتېرلىك، ساھە خاراكتېرلىك، باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك يۈز بېرىۋاتقان، تەكرار كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزىتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا نىشانلىق تۈزەپ، ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنتىزام پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى «ئۆلچەم»، شۇنداقلا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆز ھەرىكىتىگە چەكلىمە قويۇشتىكى ئۆلچەم ۋە قوللانما. ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە قائىدىسى تۈزۈش، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسى، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا قاتتىق بولۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەم پولاتتەك ئىنتىزامنى تېخىمۇ چىڭىتىش، ھەيۋىسىنى كۆرسىتىش، ھەم كادىرلارنى ئەھمىيەت بېرىش، ھوشيار بولۇش، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان يۈكسەك ئاڭلىقلىقنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەربىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە نىزامنامىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى قوغداپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەربىر سۆز - ھەرىكىتىگە چەكلىمە قويۇپ، ئىنتىزام ئېڭى، قائىدە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك ۋە چەكلىمە بولغان مۇھىتتا خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئادىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېتىلدۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ئېشىش مىقدارىنى توسۇش، ساقلانما مىقدارنى تۈگىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق تۈزەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىققا قارىتا بېسىمنى سىجىل ئاشۇرۇپ، قەتئىي يول قويماي چۆچۈتۈشنى ئۆزگەرتمەسلىك، يۇقىرى بېسىملىق جازالاش كۈچى دائىم بولۇشنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، نەپسىنى يىغمىغانلارنى، قولىنى تارتمىغانلارنى، تەلۋىلەرچە ئىش قىلغانلارنى قەتئىي جازالاپ، سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىكنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەنپەئەت گۇرۇھى ۋە ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ جارچىسى ۋە گۇماشتىسى بولۇپ قېلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كارخانىچىلار تىل بىرىكتۈرۈش، كاپىتال سىياسىي ساھەگە سىڭىپ كىرىش قاتارلىق سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان ساھە خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك، رايون خاراكتېرلىك چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە قارىتا مەخسۇس تۈزەش ئېلىپ بېرىش كېرەك. چىرىكلىشەلمەسلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۆتكىلىنى ئالدىغا يۆتكەپ، مەنبەدىن تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنىڭ پەيدا بولۇش، يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، ئاساسنى مۇستەھكەملەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋر پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك دەۋر يېڭى ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇپ، بۇ ئۈچ جەھەتكە تەڭ كۈچەپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، ھەر تەرەپلىمە كۈچەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىقنىڭ چۆچۈتۈش كۈچى، چىرىكلىشەلمەسلىكنىڭ چەكلىمە كۈچى، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنىڭ چاقىرىق كۈچىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. پارا بېرىشنى جازالاشقا دائىر قانۇن - نىزاملارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارا بەرگۈچىلەرنى بىرلىكتە جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاتالمىش «ئارقا كۆرۈنۈشى بار» ئاشۇ «سىياسىي ئالدامچى»لارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك نازارەت قىلىش كۈچلىرىنى بىرىكتۈرۈش، تەرتىپىنى ماسلاشتۇرۇش، خىزمەتلەرنى يۇغۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ نازارەت قىلىشنى پۇختا ئىشلەپ، نازارەت قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، نازارەت قىلىش تورىنى زىچ توقۇپ، پارتىيە كومىتېتلىرىغا ھەمكارلىشىپ نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆزىتىشتىن ئىبارەت ئۆتكۈر شەمشەرنى بىلەپ تېخىمۇ نۇرلۇق پارقىرىتىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دائىملىق چۆچۈتۈشنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچ، بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور، جەزمەن پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭدە باشتىن - ئاخىر ئاتاكىدا ئەڭ ئالدىغا ئۆتۈشى كېرەك. پارتىيەۋىلىكنى مەۋقە قىلىپ ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئەخلاق - پەزىلىتىنى چېنىقتۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئىچىدە كۈچلۈك توسۇقنى مۇستەھكەملەش كېرەك. قانۇنچىللىق ئېڭى، تەرتىپ ئېڭى، دەلىل - ئىسپات ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىچكى جەھەتتىن تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، سىستېما ئىچىدىكى چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كېرەك. پات ئارىدا پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلىدىغان باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى ساپلاشتۇرۇش، تەشكىلنى ساپلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك مەسىلە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي تەربىيە، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قانۇن - ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، كوللېكتىپ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلارنى قەتئىي يوقىتىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان پولات قوشۇن بەرپا قىلىش كېرەك.

لى شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان مۇھىم سۆزىدە، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى، ئاساسلىق ئىپادىسى ۋە ھەل قىلىش يولى چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنىڭ نىشان - ۋەزىپىسى، ئەمەلىيەت تەلىپى چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. سۆزدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيە چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، بايانلار مۇپەسسەل بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، يېتەكلەشچانلىققا، قاراتمىلىققا ئىگە، ئۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ قوللانما، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ تۈپ يېتەكچىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختاتماي ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى بولغان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ باشقا رەھبىرىي يولداشلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەمدە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى شى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتايلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.