10 ـ نۇسخىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش لايىھەسى بېسىپ تارقىتىلدى

日期:2023年01月09日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 10 ـ نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقاتتى. يېڭى نۇسخىدىكى دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش لايىھەسىدە كېسەللىك نامى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى»دىن «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش»قا ئۆزگەرتىلىپ، ئەمدى «گۇمانىي ئاغرىق مىسالى» دەپ ھۆكۈم قىلىنماي، «كىلىنىكىدا تىپىنى ئايرىش» يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى، داۋالاش ئۇسۇلى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى ھەم «دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمى» تەڭشەلدى.

لايىھەگە ئاساسەن، ئەمدى «گۇمانىي ئاغرىق مىسالى» دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدىغان بولدى. نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى خېسۇەن ۋە ئانتىگېن تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق ۋاقتىدا، تېز، دەل جايىدا دىياگنوز قويۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان بولدى. كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تېز قوبۇل قىلىپ داۋالاشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 10 ـ نۇسخىدىكى لايىھەدە ئەمدى «گۇمانىي ئاغرىق مىسالى» دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدىغان بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش تەدبىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كېسەللىك ئەھۋالى بويىچە قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆيىدە داۋالىنىش ياكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشنى تاللىسا بولىدۇ، تۈرلۈك داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىردەك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالىسا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، 10 ـ نۇسخىدىكى لايىھەدە ۋاقىتقا، ئەھۋالغا ئاساسەن قوبۇل قىلىپ داۋالاش تەدبىرلىرى تەڭشەلدى، ئەمدى كېسەللىك مىساللىرىنى مەركەزلىك ئايرىپ قوبۇل قىلىپ داۋالاش تەلەپ قىلىنمايدىغان بولدى.

ھازىر تارقىلىۋاتقان كېسەللىك ۋىرۇسى ۋىرۇس تۈپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، لايىھەدە داۋالاش ئۇسۇلى بەش جەھەتتىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. بۇلار، دۆلىتىمىز تەستىقلاپ بازارغا سالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش دورىلىرىنى يېڭى نۇسخىدىكى دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش لايىھەسىگە كىرگۈزۈش؛ پۈتۈن جەريانلىق ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن ياشانغانلارنى ئېغىر كېسەل خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا كىرگۈزۈش؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە ئاساسىي كېسەللىكلەرنى ئورتاق داۋالاش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ يۇقۇملانغان بالىلاردا كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولغان جىددىي خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، نىرۋا سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىكلىرى قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللارنى داۋالاش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەش؛ جۇڭيى تېبابىتى ئارقىلىق داۋالاشقا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر، خەتەرلىك ئاغرىق مىساللىرىنى جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ئارقىلىق قۇتقۇزۇش ـ داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمى»گە قارىتا، لايىھەدە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش تەدبىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى يۇقۇملانغۇچىلارنى ئايرىپ باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلمەي، بەلكى، B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل بويىچە دىياگنوز قويۇپ داۋالاشقا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، 10 ـ نۇسخىدىكى لايىھەدە ئەمدى يۇقۇملانغۇچىلارغا قارىتا دوختۇرخانىدىن چىققاندىكى خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە تەلەپ قويۇلمايدۇ. ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ھاياتلىق كۆرسەتكۈچلىرى مۇقىملىشىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورماللىشىپ 24 سائەتتىن ئاشسا، ئۆپكە قىسمىنى رېنتىگېندا تەكشۈرگەندە جىددىي سىرغىما سۇيۇقلۇق خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقى نامايان بولسا، ئىچىدىغان دورا بىلەن داۋالاشقا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئەگەشمە كېسەللىك يوق بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللاردا، دوختۇرخانىدىن چىقىرىشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ.