بۇ يىل باھار بايرىمىدا يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، يەتتە كۈن نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ

日期:2023年01月09日
来源:新疆日报网
【字体:

  2023-يىللىق باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى كەلدى! 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى(شەنبە، باھار بايرىمىنىڭ ھارپىسى)دىن 27-كۈنى(جۈمە، باھار بايرىمىنىڭ 6-كۈنى)گىچەجەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ، 1-ئاينىڭ 28-كۈنى (شەنبە)، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇقتۇرۇش چىقاردى:گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ھازىر 2023-يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۇەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، دەم ئېلىشنى تەڭشەشكە قارىتاتۆۋەندىكىدەك كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى.

  1. يېڭى يىل: 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31- كۈنىدىن 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ.

  2. باھار بايرىمى: 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ. 1-ئاينىڭ 28-كۈنى (شەنبە)، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى(يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

  3. چىڭمىڭ بايرىمى: 4ـ ئاينىڭ 5-كۈنى بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  4. ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 23-كۈنى(يەكشەنبە)، 5-ئاينىڭ 6-كۈنى(شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

  5. دۇەنۋۇ بايرىمى: 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ. 6-ئاينىڭ 25-كۈنى (يەكشەنبە)خىزمەت قىلىنىدۇ.

6. جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمى: 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە جەمئىي سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ. 10-ئاينىڭ 7-كۈنى (شەنبە)، 10-ئاينىڭ 8-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

  سەمىمىي ئەسكەرتىش:

  باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكىبېلەت سېتىۋېلىش

  2023-يىللىق تۆمۈريولدا باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش 1-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلىنىپ، 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، جەمئىي 40 كۈن بولىدۇ. 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش بويىچەپويىز بېلىتى سېتىش خىزمىتى باشلاندى.

  ئىلگىرىكى سەپەرگە چىقىش قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندا، باھار بايرىمىدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن پويىز بېلىتىنىڭ سېتىلىشى ئەڭ تېز بولىدىكەن. نۆۋەتتىكى ئالدىن سېتىش مەزگىلىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى(دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 28-كۈنى)نىڭ پويىز بېلىتىنى سېتىۋېلىشقا، 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى(دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 29-كۈنى)نىڭ پويىز بېلىتىنى سېتىۋېلىشقا بولىدىكەن، 1-ئاينىڭ 7-كۈنى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى(باھار بايرىمىنىڭ ھارپىسى)نىڭ پويىز بېلىتىنى سېتىۋېلىشقا بولىدىكەن.

  كۆپچىلىك 12306 تور بېكىتى ياكى 12306Appسىئارقىلىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى تۇنجى كۈننىڭ بېلىتىنى سېتىۋالسا بولىدۇ.

  ​قاتناش، سەپەرگە چىقىشتايېڭى بەلگىلىمە بار بولدى

  بېلەتھەقىقىي نام تۈزۈمى بويىچەباشقۇرۇلىدۇ

  2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بالىلار ئېتىبار بېلىتى ۋە بالىلارنىڭ پويىزدا ھەقسىز ئولتۇرۇشىغا قارىتابېلەتنى ھەقىقىي نام تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، بالىلار ئېتىبار بېلىتى سېتىۋالغاندا، بالىلارنىڭ كىملىكى بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش كېرەك.

  ئېتىبار بېرىش ئۆلچىمى ياش ئايرىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ

  قۇرامىغا يەتكەنلەر بىلەن بىللە پويىزغا ئولتۇرغان بالىلار، ئالتە ياشقا توشقان ھەمدە 14 ياشقا توشمىغان بولسا، بالىلار ئېتىبار بېلىتى سېتىۋېلىشى كېرەك؛ 14 ياشقا توشقان بولسا، پۈتۈن باھالىق بېلەت سېتىۋېلىشى كېرەك.

  بېلىتى بار ھەربىر قۇرامىغا يەتكەن يولۇچى ئالتە ياشقا توشمىغان ھەمدە ئايرىم ئورۇن ئىگىلىمەيدىغان بىر بالىنىپويىزغا ھەقسىز ئېلىپ چىقسا بولىدۇ، ئالتە ياشقا توشمىغان بالىدىن بىرى ئارتۇق بولسا، ئارتۇق بالىغا بالىلار ئېتىبار بېلىتى سېتىۋېلىشكېرەك. بالىلارنىڭ يېشى پويىزغا ئولتۇرغان ۋاقىتقا ئاساسەنھېسابلىنىدۇ.

دۆلەت ئىچىدە قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلدى

 دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە يولۇچىلار تىرانسپورتىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىنى ئېلىش ئۆلچىمى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ يەنە تۆۋەنلىتىلىدۇ. بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى مۇنداق بولىدۇ: قۇرامىغا يەتكەن يولۇچىلارغا قارىتا، 800 كىلومېتىردىن تۆۋەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەربىر يولۇچىدىن 40 يۈەن يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئېلىنىدۇ، 800 كىلومېتىردىن يۇقىرى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەربىر يولۇچىدىن 80 يۈەن ئېلىنىدۇ.

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يول يۈرۈشكە بولىدۇ

 دۆلەت قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «مۇھىم، زور بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يول ھەققى ئالماسلىقنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، بۇ لايىھە پەقەت باھار بايرىمى، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق تۆت مۇھىم بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، يەتتە كىشىلىك(يەتتە كىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىغا قارىتا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يول يۈرۈش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ، ئەمما بۇ يېڭى يىل، دۇەنۋۇ بايرىمى ۋە جۇڭچيۇ بايرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. (ماتېرىيال مەنبەسى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى، خەلق تۆمۈريول گېزىتى)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى