2023-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

日期:2023年01月09日
来源:新疆日报网
【字体:

  2023-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، جايلار ئاممىنىڭ بىخەتەر، ساغلام، قولايلىق سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا

  2023- يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بالدۇر پىلانلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەر، ساغلام، قولايلىق سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا.

  ئەنخۇينىڭ تۇڭلىڭ ۋوگزالىدا يۈك- تاق ئېلىپ ماڭغان يولۇچى كۆپەيدى. ۋوگزالدىكى «يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوش كود تەكشۈرۈش رايونى» ئىشلىتىلىشتىن توختىتىلدى، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ۋە كود تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرىمۇ يۆتكىۋېتىلدى.

  بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشتا، چاڭجياڭ دېلتىسى تۆمۈريولىدا 60 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇپ، 2019- يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ %80ىگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. چاڭجياڭ دېلتىسى تۆمۈريول تارماقلىرى يۇقىرى پەللە قاتناش خەرىتىسىنى ئىشلىتىش ئاساسىدا 306.5 جۈپ يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى پىلانلىدى.

  باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىئەن گاۋتيې بۆلىكى قار- يامغۇر، مۇز تۇتۇش قاتارلىق ھاۋا رايىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش يېتەكچىلىك سىستېمىسى، جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.

  1- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈش سائەت 12دە، خېبېي شىڭتەي پىڭشياڭ ناھىيەسى جۇڭخۇا يولىدا ساقچىلار ۋەزىپە ئىجرا قىلماقتا ئىدى. باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، يۇرتىغا قايتىدىغانلار كۈنسېرى كۆپەيدى، 1- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ، خېبېي ئۆلكىلىك قاتناش ساقچىلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش پونكىتى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش ھالىتىگە كىردى، ئۆلكىلەر ئارا قانۇن ئىجرا قىلىش پونكىتى 24 سائەت ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلماقتا.