2023 - يىللىق «باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

日期:2023年01月09日
来源:新疆日报网
【字体:

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ھەرقايسى جايلار ۋە ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن

2023 - يىللىق «باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن «باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، مۇھەررىر، مۇخبىرلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىش، خەۋەر قىلىشقا تەشكىللەپ، «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، ئىناق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىدەك خۇشاللىنارلىق مەنزىرىنى جانلىق نامايان قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، خۇشال - خۇرام، تىنچ - ئامان كۆتۈرەڭگۈ بايرام كەيپىياتى يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئائىت يېڭى تەدبىر، يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەر ۋە ھەقىقىي ھېس قىلغانلىرىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى ئوبيېكتىپ، دەل جايىدا خەۋەر قىلىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۆتكەن بىر يىلدا ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى يارقىن نۇقتىلار، نۇقتىلىق ساھە كارخانىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ، قىيىنچىلىقنى يەڭگەنلىكىدەك جانلىق مىساللارنى تولۇق قېزىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى سىجىل كۈچەيتكەنلىكى، يېڭى كەسىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنىڭ بىر قەدەر ياخشى بولغانلىقى، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ بىر قەدەر جانلىق بولغانلىقى قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى ئاكتىپ ئامىللارنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ نورمال ھالەتكە قايتىپ ياخشىلىنىشقا بولغان ئىشەنچى، ئىرادىسىنى چىڭىتىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، دورا ئىشلىتىش، ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق يۇقۇمغا چېتىشلىق قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى پائال ھەل قىلغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ، بايرام مەزگىلىدە ھەرقايسى ساھەلەردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار، بولۇپمۇ داۋالاش - سەھىيە، ئەشيا ئوبوروتى، تېز يەتكۈزۈش كەسپىدىكى خادىملارنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاممىنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشقا ئاكتىپ، ئاقىلانە تاقابىل تۇرغانلىقى، مەھەللىدىكى قوشنىلار ئارا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، دوستانە ئۆتكەنلىكى، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى، شەھەرلەردە قاينام - تاشقىنلىقنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىدەك ھەقىقىي مەنزىرىنى جانلىق نامايان قىلىپ، ئاممىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ بايراملىق بازاردا تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆمۈر، توك، ماي، گازنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، باھار بايرىمىدا بازارنىڭ مۇقىم بولۇشى، ئاممىنىڭ بايرامنى ئىللىق، بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى كۈچلۈك تەدبىرلىرىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك؛ تۆمۈريول ئىسمېنا - گۇرۇپپىسى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلان گۇرۇپپىسى قاتارلىق قاتناش - تىرانسپورت كەسپىدىكى خىزمەتچى خادىملار، ئاساسىي قاتلامدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش قوشۇنى، چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسىدىكى ئاساسىي قاتلام ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان كۈرەش قىلغۇچىلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى بايان قىلىش كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بولۇپمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلار، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ياردەم قىلىدىغان - يۆلەيدىغان ناھىيەلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇم، ئاپەت سەۋەبىدىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئامما ۋە ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قارىتا ياردەم قىلىش - يۆلەش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، يوقلاش، ھال سوراش ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلىش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، مول مەزمۇنلۇق رەڭدار بايراملىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلار تەشكىللىگەن ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ - ئادىتى، باھار بايرىمىلىق ئۆرپ - ئادەت پائالىيەتلىرىنى سىجىل ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاممىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ، باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىدەك قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرىنى جانلىق نامايان قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىكى يېڭى قىزىقىش، يېڭى كەيپىياتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، رايون خاسلىقى ۋە دەۋر پۇرىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى نامايان قىلىپ، باھار بايرىمىنىڭ مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مەخسۇس ئىستون، مەخسۇس سەھىپىلىك خەۋەرلەرنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، مەركەز ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى مۇھىم بەت، مۇھىم ۋاقىت بۆلىكى، تور بېكىتىنىڭ باش بېتى، تېرمىنالنىڭ باش ئېكرانى قاتارلىقلاردا «باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» مەخسۇس سەھىپىسىنى بىرتۇتاش تەسىس قىلىپ، ھەر كۈنى بەلگىلىك ئېلان قىلىش ئومۇمىي مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ پائالىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۇنىۋېرسال بايان، ئوبزور، مۇخبىرلارنىڭ تەسىراتى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ، مۇھەررىر، مۇخبىرلارنىڭ تەسىراتىنى ئىنكاس قىلىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرى ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، خەۋەر قىلىش كۈچىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق، بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھەررىر، مۇخبىرلارنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغىتىشى كېرەك؛ «قىسقا، ئەمەلىي، يېڭى» خەۋەر يېزىقچىلىق ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئامما تىلى، پۇقرالارنىڭ نەزەر دائىرىسى ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تېمىلار، ئەتراپىدا يۈزبەرگەن ھېكايىلەرنى ئوبيېكتىپ، يېقىشلىق ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك؛ يېڭىدىن گۈللەنگەن تارقىتىش تېخنىكىسى ۋە سۇپا يوللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىسقا سىن، مىكرو سىن قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان تارقىتىش شەكىللىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، ئاكتىپ كۈچنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.