دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»نى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مۇلازىمەت ۋە كاپالەتنى كۈچەيتىشتە

日期:2022年12月29日
来源:新疆日报网
【字体:

12-ئاينىڭ 26-كۈنى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا قارىتا قوللىنىلىدىغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى بىكار قىلىنىدۇ؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگراسى سەھىيە كارانتىن قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش» تەدبىرىنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مى فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىن «ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش، كېسەلنىڭ ئېغىرلاپكېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش»قا يۆتكەلدى. «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»نى يولغا قويۇش ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى، يۇقۇم ئەھۋالى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئاساسىدا چىقىرىلغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنىڭ تەڭشىلىشىبولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ،ۋاقىت، ۋەزىيەتكە ئاساسەنئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكىتەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكى، دەل جايىدا بولۇشى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

«B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»نى يولغا قويۇش ھەرگىزمۇ قويۇۋېتىش، كارى بولماسلىق دېگەنلىك ئەمەس، ئۇنىڭدىكى مۇھىم نۇقتا مۇلازىمەت ۋە كاپالەتنى كۈچەيتىش. داۋالاش، قۇتقۇزۇش بايلىقى تەييارلىقىنى ھەقىقىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، ياشانغانلار، بالىلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ ياشانغانلارغا ۋاكسىنا ئەملەش ۋە ساغلاملىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

(باش ئىستانسا مۇخبىرلىرى شى يىڭچۇن، جىن دەننى)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى