«B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»تا دۆلىتىمىز قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىدى؟ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مۇھىم نۇقتىلىرىدا قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

日期:2022年12月29日
来源:新疆日报网
【字体:

− گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى گۇ تيەنچېڭ، سۇڭ چېن، ۋېن جىڭخۇا

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش 2023 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىدىن باشلاپ «B تۈردىكى يۇقۇمنى A تۈر بويىچە باشقۇرۇش»تىن «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»قا تەڭشىلىدۇ. سىياسەتنى تەڭشەشتە قانداق شەرتلەر ھازىرلاندى؟ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىدە قايسى ئاساسلىق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ داۋالاش بايلىقى زاپىسى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش ئېھتىياجىنى قاندۇرالامدۇ ـ يوق؟ گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى 12 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى.

ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە ئاساسەن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىياسەتلىرى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

«ھازىر، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى، يۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىشى، ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىنىڭ توپلىنىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش يېڭى باسقۇچقا كىردى.» دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى بىن مۇنداق دېدى: ۋىرۇسنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، يۇقۇم ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، ۋاكسىنا ئەملەش ۋە دورا تەمىناتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، تېببىي قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش توغرىسىدىكى قانۇنلارنى تۈرگە ئايرىشنى تەڭشىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىدى.

لى بىن مۇنداق بىلدۈردى: قانۇن بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى «B تۈردىكى يۇقۇمنى A تۈر بويىچە باشقۇرۇش»تىن «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»قا تەڭشەش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرىدىكى مۇھىم، زور تەڭشەش بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش، ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە ئاساسەن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىياسەتلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى نامايان قىلدى. تەڭشەش ھەرگىزمۇ مەيلىگە قويۇۋېتىپ كارى بولماسلىق ئەمەس، بۇ، ھەرگىزمۇ بارلىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ چېكىنىپ چىققانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى داۋاملىق تۈردە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لياڭ ۋەننيەن مۇنداق دېدى: «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش» ھەرگىزمۇ مەيلىگە قويۇۋېتىپ كارى بولماسلىق ئەمەس، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن تېببىي قۇتقۇزۇش ـ داۋالاشقا يۆتكەپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تەڭشەشنىڭ يېڭى باسقۇچقا تىنچ، تەرتىپلىك ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تەڭشەشتىن كېيىن، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىدە ئاساسلىقى تۆت جەھەتتە ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»نى يولغا قويغاندىن كېيىنكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئاساسلىق ئۆزگىرىشكە قارىتا، دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چاڭ جىلې تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتىن تونۇشتۇردى:

بىرىنچى، يۇقۇم مەنبەسىنى بايقاش جەھەتتە، ئاساسلىقى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا كېسەل كۆرسىتىش، ئاھالىلەر ئۆز سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىلار بايقىلىدۇ، بارلىق خادىملارغا قارىتا خېسۇەن تەكشۈرۈش بويىچە تاسقاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلمايدۇ.

ئىككىنچى، يۇقۇم مەنبەسىنى باشقۇرۇش جەھەتتە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە يېنىك كېسەللىك مىساللىرىغا قارىتا ئائىلىسىدە تۇرۇپ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش قوللىنىلىدۇ، ئايرىپ داۋالاش تەدبىرى ياكى ئايرىپ كۆزىتىش يولغا قويۇلمايدۇ.

ئۈچىنچى، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش جەھەتتە، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرى نۇقتىلىق سورۇن، نۇقتىلىق ئاپپارات، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا تېخىمۇ كۆپرەك مەركەزلىشىپ، باشقا سورۇن، ئاپپارات ۋە خادىملارنىڭ پائالىيىتىگە بولغان چەكلىمە بىكار قىلىنىپ ياكى كېمەيتىلىپ، ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرى ئىمكانقەدەر ئازايتىلىدۇ.

تۆتىنچى، دۆلەت چېگراسى سەھىيە كارانتىنى جەھەتتە، چېگرادىن كىرگەنلەرگە قارىتا يېپىق ھالقىسىمان يۆتكەش، مەركەزلىك ئايرىش قاتارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلمايدۇ. جۇڭگوغا كەلگەنلەر تاموژنىنىڭ تەلىپى بويىچە، ساغلاملىق چۈشەندۈرۈش كارتىسىنى تولدۇرغان، ئىلتىماسى نورمال بولغان ھەم تاموژنا پورتىنىڭ ئادەتتىكى كارانتىن قىلىشىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەنلەر بىۋاسىتە جەمئىيەت قاتلىمىغا كىرسە بولىدۇ.

داۋالاش بايلىقى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىپ، ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ

ھازىر، يۇقۇم تەرەققىياتىنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچقا كىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى جايلاردا داۋالاش ـ قۇتقۇزۇش ئېھتىياجى ئوخشاش بولمىدى. بەزى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىدە داۋالاش ئېھتىياجى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولدى، بەزى جىددىي كېسەللەر ۋە ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاشتا بېسىم چوڭ بولدى.

بۇنىڭغا قارىتا دۆلەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى تېببىي مەمۇرىيەت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جياۋ ياخۇي مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، داۋالاش بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، داۋالاش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

ئېغىر كېسەل بولغان ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش جەھەتتە ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ: بىرىنچى، مەملىكەت بويىچە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش بايلىقى كېڭەيتىلىدۇ، ھەرقايسى جايلار تەلەپ بويىچە بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا، قوشۇمچە بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلارنى كېڭەيتىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ، 2 ـ دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش بايلىقى كۆپەيتىلىدۇ، 3 ـ دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش بايلىقى نۇقتىلىق كېڭەيتىلىدۇ؛ ئىككىنچى، داۋالاش ھالقىسى ئالدىغا سۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش ـ سەھىيە ئاپپاراتلىرىدا ئاساسىي كېسىلى بار بولغان ياشانغانلارنى دەرىجىگە ئايرىپ سالامەتلىكىنى باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ؛ ئۈچىنچى، 3 ـ دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاشنى تولۇق قاپلاشقا كاپالەتلىك قىلىش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، جىددىي كېسەللەرنى قوبۇل قىلىپ داۋالاش ئىقتىدارى كېڭەيتىلىدۇ، جىددىي كېسەللەر ۋە دوختۇرخانا، كېسەلخانىغا قوبۇل قىلىپ داۋالاش يېشىل يولى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، جىددىي كېسەللەرنىڭ كېسىلىنى كۆرگەندىن كىيىن كۆزىتىشكە قالدۇرۇلغان ئېغىر كېسەللەرنى 24 سائەت ئىچىدە بىرىنىمۇ قالدۇرماي قوبۇل قىلىپ داۋالاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، جىددىي كېسەل كۆرۈش بايلىقى تېز ئايلاندۇرۇلۇپ ۋە يۈرۈشتۈرۈلۈپ، ئېغىر كېسەل بولغان ئاغرىقلار كۆپلەپ قوبۇل قىلىنىپ داۋالىنىدۇ.

ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىنىپ، كېسەلنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، «ئۈچ نۇقتىلىق، بىر چوڭ» بولۇش نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىنىدۇ

چاڭ جىلې مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا قارىتا «B تۈردىكى يۇقۇمنىB تۈر بويىچە باشقۇرۇش»نى يولغا قويۇش بەل قويۇۋېتىش، ھاردۇق ئېلىش سىگنالى ئەمەس، شۇنداقلا «مەيلىگە قويۇۋېتىپ كارى بولماسلىق»مۇ ئەمەس. تەڭشەشتىن كىيىنكى خىزمەت نىشانى «ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش، كېسەلنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دەپ بېكىتىلدى، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «ئۈچ نۇقتىلىق، بىر چوڭ» بولۇشقا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

«ئۈچ نۇقتىلىق، بىر چوڭ» بولۇش نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلارغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، 65 ياش ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ياشانغانلار قاتارلىق يۇقىرى خەۋپ ـ خەتەر دەرىجىسى ساقلانغان كىشىلەر توپىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ نۇقتىلىق ئاپپاراتلاردا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلار ساناتورىيەسى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورۇنلىرى قاتارلىق ئاپپاراتلاردا دەل ۋاقتىدا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئاپپاراتلارنىڭ ئىچىدە توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش؛ نۇقتىلىق ساھەلەردە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئايلىنىشىنى ساقلايدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش قاتارلىق ساھەلەرگە قارىتا خادىملار ئىش ئورنىدا نۆۋەتلىشىش، ئىش ئورنىدا تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش؛ چوڭ تىپتىكى ھىم ئېتىلگەن سورۇنلاردا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇشنى ھەرىكەت ھالىتىدە قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇم ئېغىرلاپ كەتكەندە، خادىملار سىغىمچانلىقى زور، بوشلۇق ھىم ئېتىلگەن سورۇنلارغا قارىتا قىسقا مۇددەت ئىچىدە زۆرۈر بولغان كىشىلەرنىڭ توپلىشىشىنى ۋە خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئازايتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەرشارىدا تارقىلىۋاتىدۇ، ئېنىقسىزلىق ھېلىھەم مەۋجۇت. جۇڭگو كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش باشقارمىسىدىكى مۇدىر ۋىراچ يىن ۋېنۋۇ مۇنداق ئەسكەرتتى: «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيەت دائىرىسىدە يۇقۇم مەنبەسى ئېنىقسىز بولىدۇ، قولنى پات ـ پات يۇيۇش، ماسكىنى ئۆلچەملىك تاقاش، ۋاكسىنىنى ئاكتىپ ئەملىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەخسىي مۇداپىئەنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)