​شېنجوۋ 14 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

日期:2022年12月06日
来源:新疆日报网
【字体:

شېنجوۋ 14 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمچىسى يەرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى​

شېنجوۋ 14 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جيۇچۈەن، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇاڭ مىڭ، لى گولى، جاڭ مىمى) 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سائەت 20دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجوۋ 14 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمچىسى دۇڭفېڭ قونۇش مەيدانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى، نەق مەيداندىكى تېببىي نازارەتچىلىك ۋە تېببىي كاپالەت خادىملىرى ئالەم ئۇچقۇچىسى چېن دۇڭ، ليۇ ياڭ، سەي شۈجېنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شېنجوۋ 14 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سائەت 19دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزى يەر يۈزى ئۆلچەش - تىزگىنلەش پونكىتى ئارقىلىق قايتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن، شېنجوۋ 14 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئوربىتا بۆلۈمچىسى بىلەن قايتىش بۆلۈمچىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ موتورىغا ئوت يېقىلىپ، قايتىش بۆلۈمچىسى بىلەن ئىتتىرگۈچ بۆلۈمچىسى ئايرىلغان. قايتىش بۆلۈمچىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغاندىن كېيىن، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش، قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىزدەش - قۇتقۇزۇش شۆبە ئەترىتى نىشاننى ۋاقتىدا بايقىغان ھەم قونۇش نەق مەيدانىغا يېتىپ بارغان. قايتىش بۆلۈمچىسىنىڭ بۆلمە ئىشىكى ئېچىلغاندىن كېيىن، تېببىي نازارەتچىلىك ۋە تېببىي كاپالەت خادىملىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تېنىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

شېنجوۋ 14 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى 2022 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن بوشلۇققا قويۇپ بېرىلدى، ئارقىدىن تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسى بىلەن تۇتىشىپ بىرىكمە گەۋدە شەكىللەندۈردى. ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئوربىتىدا ئالتە ئاي تۇرغان مەزگىلدە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ مەشغۇلات قىلىپ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بۆلۈمچىسىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئۈسكۈنىلەر ھەم بوشلۇقتا قوللىنىش ۋەزىپىسىگە ئالاقىدار ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش ۋە تەڭشەشنى تاماملاپ، بىر قاتار بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسى ۋە تېخنىكا تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوربىتىدا ئىككى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بۆلۈمچىسى بۆلىكى، بىر ئادەملىك ئالەم كېمىسى، بىر يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنىڭ زىيارىتىنى كۈتۈۋېلىپ، يەر يۈزى بىلەن ماسلىشىپ جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ «T» شەكىللىك ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى قۇراشتۇرۇپ ياساشنى تاماملاپ، شېنجوۋ 15 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم ئوربىتىدا ئىسمېنا ئالمىشىشنى تاماملاپ، يۈك ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ ئەڭ تېز ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىشىدىكى دۇنيا رېكورتى قاتارلىق نۇرغۇن تارىخىي پەيتلەرگە گۇۋاھ بولدى ھەم ۋەزىپە ئارىلىقىدىن پايدىلىنىپ، بىر قېتىم «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى»دا بوشلۇق دەرسى ئۆتتى ھەمدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر قاتار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى ۋە مەدەنىيەت تارقىتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى.

چېن دۇڭ جۇڭگو بويىچە ئوربىتىدا تۇرغان ۋاقتى 200 كۈندىن ئاشقان تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ قالدى.